ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ دەپ جاكارلىغاندا، ئىران ھورموز قولتۇقىنى تاقايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ دائىرىدىن دەرھال كېتىشى لازىملىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى ھورمۇز قولتۇقىغا كىردى. ئامېرىكا - ئىران مۇناسىۋىتى جىددىي تۈس ئېلىۋاتقاندا، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئاساد خەلقنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا كىرىشتى. بۇنىڭغا قارىتا، ئەرەب بىرلىكى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىغە قىرغىنچىلىق قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ب د ت غا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھە يوللىدى. ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى قوراللىق باستۇرۇشىنى ئاكتىپ قوللاۋاتقان ئىراننىڭ نېفىتىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئەرەب بىرلىكىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىگە خىتاي بىلەن رۇسىيە قارشى چىقتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ب د ت يىغىنىدا ئەرەب بىرلىكى ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە ئۈستىدە ھېچقانداق قارار ماقۇللانمىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كېيىن گەرچە ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىدىن، پرېزىدېنت بەشر ئاسادنى ھوقۇقتىن قالدۇرۇش، سۈرىيىنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش دېگەن كونكرېت ماددىلار چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بۈگۈن )جۈمە كۈنى( يەنىلا، ئەگەر ب د ت نىڭ ئەرەب بىرلىكى ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسى ماقۇللانسا، ئۇنى ۋىتو قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى.
كولۇمبىيانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى نېستور ئوسورىئونىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيىدە بۇ يىل 3 - ئايدا پرېزىدېنت ئاسادنى تەختتىن چۈشسۈن دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش باشلانغاندىن بۇيان، سۈرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى ھازىر 7 مىڭدىن ئاشتى. ئىران ھازىر سۈرىيىنى قوللاۋاتىدۇ، رۇسىيىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەرەب ئىتتىپاقدېشى - سۈرىيە پرېزىدېنتىنى خەلقنى باستۇرىدىغان قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. سۈرىيە پرېزىدىنتى بەشر ئاسادمۇ ھازىر دۇنياغا، قوراللىق تېررورچى گۇرۇھلار سۈرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولدى دەپ خەلق ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى.
تۈركىيىدە چىقىدىغان «زامان گېزىتى»دە بايان قىلىنىشىچە، ئىران ھازىر تۈركىيە زېمىنى ئارقىلىق سۈرىيىگە قورال بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىر تۈركىيە بىلەن ئىران، سۈرىيە چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا، ناتونىڭ ئەزاسى تۈركىيىگە كېلىۋاتقان خىيىم - خەتەر كۆپىيىپ، تۈركىيە - ئىران ۋە تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتىدۇ.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى ئانگىلا مېركېل خانىم 2 - ئاينىڭ 2 - ، 3 - كۈنلىرى خىتاي زىيارىتىدە، خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىران نېفىتىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى قوللاشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىران، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي ۋاستە بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىمىز دېگەن نام بىلەن رەت قىلدى. ئەمەلىيەتتە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىران نېفىتىنى بايقۇت قىلىش قارارى بىرخىل ئىقتىسادىي جازا ئىدى. ياۋروپا بىرلىكىمۇ ئىراننىڭ يادرو قورال ياساش مەسىلىسىنى ئىقتىسادى ۋاستە بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ياۋروپا بىرلىكى ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە، ئەرەب بىرلىكىنىڭ ب د ت غا يوللىغان سۈرىيە خەلقىنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقان پرېزىدېنت بەشر ئاسادنى تەختتىن چۈشۈرۈش قارار لايىھىسىنى قوللىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى ئانگىلا مېركېل خانىم خىتاي زىيارىتىدە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى قەتئىلىك بىلەن گەۋدىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىتايدا، ھۆكۈمەت تەقىپ ئاستىغا ئالغان «جەنۇبىي خىتاي گېزىتى» نىڭ تەھرىر ۋە مۇخبىرلىرى، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت ئوخشىمايدىغان ئەربابلار ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش پىلانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى.
