بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنى دۋاملاشماقتا

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. گەرچە يىغىننىڭ ئاساسىي كۈن تەرتىپى دۇنيادىكى كلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا يادرو قوراللىرى ۋە تېررورىزم مۇھىم مەسىلىسىمۇ تېما بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم سۆز قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ نۇتقى ئالاھىدە دىققەت تارتتى، پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئوبامانىڭ سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەردى. ئۇ سۆزىدە دۇنياغا تەھدىت قىلىۋاتقان ئورتاق خەۋپلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلەتلەرنى ئۆز- ئارا ھەمكارلىققا چاقىردى. ئۇ، "ئامېرىكا دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېدى.

ئوباما پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈن گۈزەل بىر كېلەچەك يارىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى 4 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى. بۇلار يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش، تىنچلىق ھەم خەۋپژلىكنى تەكىتلەش، مۇھىتنى قوغداش ۋە ھەممە دۆلەتلەرگە ئورتاق بېيىش پۇرسىتى بېرىش.

ئوباما سۆزىدە يەنە، بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىدە ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەيدىغانلارنىڭ ئەمدى ھەممە مەسىلىنى ئامېرىكا بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرالماسلىقىنى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى: "رادىكال كۈچلەر دۇنيادا تېررور پەيدا قىلماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايەتلىرى، ئېرىۋاتقان ئىككى قۇتۇپ مۇزلىرى ۋە زۇلۇم كۆرۈۋاتقان خەلقلەر، يوقسۇللار، كېسەللىكلەر... پۈتۈن بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئورتاق ھالدا ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بىز قانچىلىك كۈچلۈك بولساق بولايلى، بىراق، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى يالغۇز ھەل قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس. يىغىن زالىدا ئولتۇرغانلار ھەممىمىز پەرقلىق دۆلەتلەردىن كەلدۇق. ئەمما ھەممىمىزنى ئورتاق بىر كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا."

ئوباما سۆزىدە بۇندىن كېيىن دۇنيا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغان يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لىۋان پرېزدىنتى مۇئاممەر كاددافىمۇ 40 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدا تۇنجى قېتىم بۇ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى ۋە يىغىندىكى دىققەت تارتقان كىشىلەردىن بىرى بوپقالدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىمۇ مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى. كاددافى سۆزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ئۇ ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان مەزكۇر 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتنى ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش بىلەن ئەيىپلىدى ھەم مەزكۇر 5 ئەزا دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتايمۇ بۇ 5 دائىمىي ئەزانىڭ بىرسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارارلارنىڭ چىقىشىمۇ بۇ سەۋەبلىك توسالغۇغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك.

كاددافى سۆزىدە، بۇ 5 دائىمىي ئەزانىڭ قولىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرتنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، كىچىك- چوڭ بارچە دۆلەتلەرنىڭ تەڭ باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى. لىۋان پرېزىدېنتى مۇئاممەر كاددافى سۆزىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1945 - يىلىدىن بېرى چىققان ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىيالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

"خۇجىنتاۋنىڭ سۆزلىرىنىڭ گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق"

خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇجىتاۋمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ۋە دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر ۋەدە بەردى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادىكى مۇھىم مەتئۇباتلار خۇجىنتاۋنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزلىرىگە "گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق" دەپ تەبىر بەرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ داۋاملىق كلىماتنى ياخشىلايدىغانلىقىغا دائىر چوڭ ۋەدىلەرنى بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كەلگەندە بولسا ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپلىرىگە بىنائەن پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇجىنتاۋمۇ بىر ئارىغا كەلگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئوباما خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشدا ئەركىن سودا مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خۇجىنتاۋ بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. خۇجىنتاۋ ئامېرىكا بىلەن ھەقىقى ئۈنۈملۈك ۋە ئاكتىپ بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي تەرەپ ئۇچرىشىشتا يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئاپتوموبىل بالونلىرى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئامېرىكىنىڭ باجنى ئېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، كلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش قەدەملىرىنىڭ بېسىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئەمما ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم چىققان قارارلارغا ئەمەل قىلىشى ۋە بۇ يوسۇندا ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەشمەكتە.