دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكتىن تەڭ بەھرىمان بولغان گېرمانلار بۈگۈن، بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن بېرلىن تېمى يىقىتىلغان بۇ خاسىيەتلىك كۈننى خاتىرىلىدى ۋە تەبرىكلىدى.
بېرلىن تېمى يىقىتىلغىلى 20 يىل بولدى، خىتاي تېمى قاچان يىقىتىلىدۇ؟
بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 مىڭ ئادەم گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن 'بېرلىن تېمى' يېقىتىلغان برايتىنبېرگ دەرۋازىسى ئەتراپىغا توپلىنىپ، بۇ 'ئەركىنلىك كۈنى'نى خاتىرىلىدى. گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن گېرمانىيىدىكى بۇ چوڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى بورېنخولمېر كۇچىسىدىكى كوۋرۈكتە باشلاندى. كىشىلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇزىكا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، سالىيۇت ئېتىپ بۇ 'ئەركىنلىك كۈنى'دە ئېرىشكەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قەدىرلىدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە ئىككىگە پارچىلىۋېتىلىپ، غەربي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيىدىن ئىبارەت ئىككى گېرمانىيدىكى تىلى، مەدەنىيىتى ئوخشاش گېرمان خەلقى بىر-بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. 1961 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەتىگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزىۋېتىلىپ، بىر يېرىم كىلومېتىرلىق بېرلىن تېمى سوقۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. شەرقى گېرمانىيە خەلقى بۇ تامنى يىقىتىش ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىدى. بۇ تام 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يېقىتىلغانغا قەدەر، شەرقىي گېرمانىيىدىن ئاران 5043 ئادەم غەربىي گېرمانىيىگە قېچىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. قاچقانلاردىن 239 ئادەمنى شەرقىي گېرمانىيە ئېتىپ ئۆلتۈردى، 260 ئادەمنى ئوقتا يارىلاندۇردى، 3221 ئادەمنى قولغا ئېلىپ قامىدى.
بۈگۈن بېرلىن تېمىنىڭ يىقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ پائالىيەتتە، شەرقىي گېرمانىيىدە تۇغۇلغان ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، بېرلىن تېمى يىقىتىلغان كۈنى كېچىدە غەربىي گېرمانىيىگە كەلگەن، ھازىرقى گېرمانىيە باش مىنىسىترى ئانگىلا ماركېل خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. بۈگۈن بېرلىن تېمى يىقىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋىتىف قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا بېرلىن تېمىنى يىقىتىشتا زور تۆھپە قوشقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېف، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دادا جورجى بۇشمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ھېللارى كىلىنتون بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئەمدى 21 - ئەسىردىكى 'بېرلىن تام'لىرىنى يىقىتىشنى ناتو چۇقۇم ئورۇنلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلامۇ بۈگۈنكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قىزغىن قاتناشتى.
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا مۇستەبىتلەر بېرلىن تېمىنى سوقۇپ، گېرمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قانداق سوغۇقچىلىق سالغان بولسا، بۇ تام يىقىتىلغاندىن كېيىن خىتايمۇ ئۇيغۇرلانىڭ ئارىسىغا ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا قېىرىنداش خەلقلەر ئارىسىغا شۇنداق سوغۇقچىلىق سالىدىغان سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، 21 - ئەسىر -- دۆلەت دېكتاتورلۇقى ئاغدۇرۇپ تاشىلىنىدىغان، مىللەتلەر مۇستەقىل، ھۈر بولىدىغان ئەسىر. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېقىلىش ئالدىدا سالغان 'بېرلىن تاملىرى'نىڭ يېقىلىدىغانلىقىمۇ مۇقەررەر.