چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز يۇرتىدا بېشىغا كەلگەنلىرى

ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە چىقىپ ئوقۇش 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تۈركىيىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا ئىكەن. تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ھەر يىلى دېگۈدەك تۇققان يوقلاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيىدىن بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا كىرگەندىلا سوراققا تارتىلغىلى باشلاپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىنمۇ ساقچى ئىدارىسى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھازىر تۈركىيىدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز، بۇ يىل 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئۆز يۇرتىغا ئاتا - ئانىسىنى كۆرگىلى بارغاندا بېشىغا ھەر تۈرلۈك ئىشسلار كەلگەن . ئۇ، ئۆز يۇرتىدا بېسىم كۆرگەندىن كېيىن بارغانلىقىغا پۇشايمان بولۇپ قايتىپ كەلگەن.

ئۇ بىزگە چەتئەلگە چىقىپ 5 يىلدىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەركىنلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، ئۆز خەلقىنىڭ ھازىرقى ھالىغا قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆز كەچۈرمۈشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.