خىتاي يۇرتىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتايچە مۇنازىرە تور بەتلىرىنى " سۇ جۇ ئۇنىۋېرستېتى شىياڭ مېن كۆۋرۈكىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى" دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرە قاپلىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مۇنازىرىگە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونىدىكى شاڭمېن كۆۋرۈكىدە يەردە جان تالىشىۋاتقان بىر ياشنىڭ يانفون كامىراسىدا تارتىلغان سۈرەتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، سۈرەتلەردىن ئۇنىڭ بېشىدىن ناھايىتى كۆپ قان چىقىۋاتقانلىقى، ئەتراپتىكى ساقچى ھەم كىشىلەرنىڭ بولسا ئۇنى قۇتقۇزۇش ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئەمەس بەلكى ھاڭۋېقىپ قاراپ، بەزىلىرىنىڭ پەرۋاسىز ئۆز يولىغا ئۆز ئىشى بىلەن كېتىۋاتقانلىقىدەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئىدى،شۇنداقلا مۇنازىرىلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەممىگە پەرۋاسىز ھالىتى، ئىنسانىيلىقتىن يىراقلىشىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا. مۇنازىرىلەردە بۇ ئېچىنىشلىق قانلىق ۋەقەدىكى باش قەھرىماننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇرلار بىزنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشقا ئۈندىدى.

ئادەملەر رەھىم قىلىڭلار

14 - فېۋرالدىن باشلاپ جۇڭگو ئۆيى مۇنازىرىسى، تېشۇئې، تيەن يا، سىنا، جۇڭگو رېن تور بېكىتى، قاتارلىق خىتايچە داڭلىق تور بەتلەردىن تارتىپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ مۇنازىرە بەتلىرىگىچە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭمېن كۆرۋۈكىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدىكى سۆرەت ھەم مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ھەمدە ئۇچۇرلاردىكى تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايونىغا جايلاشقان شىئاڭمېن كۆۋرۈكىدە 14 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەنى دەسلەپ تور بەتلەرگە يانفون ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىپ قويغۇچىنىڭ يېزىشىچە، شۇ كۈنى ئۇ شاڭمېن كۆۋرۈكىدە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ كەتكىنى كۆرگەن، بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، ئىنتايىن ياش بىر ئۇيغۇر قانغا مىلىنىپ ياتقۇدەك، ئۇنىڭ بېشىدىن توختىماي قان چىقىۋاتقان، جان تالىشىپ ئارانلا مىدىرلاۋاتقان بولسىمۇ ئەتراپتىكى ئولاشقان كىشىلەر بىردە كۆپىيىپ بىردە ئازىيىپ بىرەر سائەتكىچە ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولمىغان.

گەرچە يېقىن ئەتراپتا بىر ساقچى قاراپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇمۇ بۇ بالىنى قۇتقۇزۇشقا قىلچە ھەرىكەت قىلماي خۇددى ئۇن بالىنىڭ ئۆلۈشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قاراپ تۇرغان ئەمما ئەتراپتىكىلەرنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىنى بولسا قارشىلىق بىلدۈرۈپ توسقان. بۇ قانلىق ۋەقەنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى، ئىنسانىي مېھرى شەپقەتتىن ئەسەر يوق مورىغا ئوخشاش قاراپ تۇرۇشلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان شۇ سەۋەبتىن بۇ سۈرەتلەرنى تارتىپ تور بەتكە يوللىغان ھەمدە " ئادەملەر رەھىم قىلىڭلار" دەپ نىدا قىلغان.

خىتايدىكى خامۇشلۇق كېسىلى

ئەمدى بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانىغا كەلسەك، ئۆزىنى شۇ ۋەقەنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى دەپ ئاتىغان، خىتايچە تور بەتلەرگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغان يەنە بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14 - فېۋرال كۈنى سۇجۇدىكى خىتايلارمۇ غەربلىكلەرنىڭ ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىۋاتقان بولغاچقا كوچىلاردا كىشىلەرمۇ كۆپ جۈپ - جۈپ ئوقۇغۇچىلارمۇ بايرام تەبرىكلەش ئۈچۈن سىرتقا چىققان، كوچىلار جۈملىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن كۆۋرۈكمۇ ئادەتتىكىدىن ئاۋات بىر كۈن بولغان.

شىئاڭمېن كۆۋرۈكىدىكى ئۇ ياشنىڭ، بىر قانچە سائەتلەپ جان تالاشسىمۇ كىشىلەرنىڭ كارى بولمىغانلىقى، شۇنچە قانسىراپ قىينىلىپ ياتسىمۇ بىرەر كىشىنىڭمۇ ئىنسانپەرۋەرلىكىگە ياكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە ياكى ئاممىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغان ساقچى ۋە ياكى "ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر" نىڭ كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇشىغىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىدىكى سەۋەب، ئۇ ياش ئەسلى بىر ئۇيغۇر يانچۇقچى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ كىشىلەرنىڭ رەھىمىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر، داۋاملىق مۇشۇ ئەتراپتا ئوقۇغۇچى ھەم ئاممىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەت گۇرۇھىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ شېرىكلىرى بىلەن يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ كوچىدىكىلەردىن قاتتىق تاياق يەپ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ ئاتالمىش يانچۇقچى ئۇيغۇر بالىنىڭ جان تالىشىۋاتقان مەيداندا بىر سائەتكىچە تۇرغان يەنە بىرى، كىشىلەرنىڭ 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر سائەتكىچە كەلمىگەنلىكىنى ساقچىلارنىڭمۇ ئىنتايىن كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن بىر دوختۇر ماشىنىسىنىڭ كېلىپ ئۇ بالىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى يازغان. ئەتراپتا قاراپ تۇرغۇچىلار ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، يانچۇقچى ئىكەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى ئەيدىز كېسىلى بولىشى مۇمكىن دەپ غۇلغۇلا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما ھېچكىم ئۇ بالىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ھەتتا بەزىلىرى "يانچۇقچى بولغان بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك،" " ئۆلگەن بولسا ياخشى، باشقا ئوغرىلارمۇ ساۋاق ئالسۇن،" دېگەندەك قەبىھ سۆزلەرنى قىلىشقان.

ئۆلۈك جانلار ...

بىز شىئاڭمېن كۆۋرۈكىدە ئىنسانلارنىڭ رەھىمسىزلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئۇ ياشنىڭ كىملىكى ۋە شۇ كۈنىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمى، شۇ رايونغا جايلاشقان مىڭ مېن ساقچىخانىسى، سۇجۇ شەھەرلىك ساقچى، جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونلىرىغا تېلېفون ئۇلىغان بولساقمۇ ئۇلار بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق بۆلۈمىگە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بىز بۇ ۋەقەگە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ‏ - "ھە شىنجاڭلىق يانچۇقچى ئۇلار ھەممە جايلاردا كۆپقۇ " دېدى.

مەزكۇر ۋەقەدە خىتايدىكى ئىنسانلارنىڭ، ساقچىلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى، دوختۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى، بىر جەمئىيەتنىڭ جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتىغا بولغان پەرۋاسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ قانداق ؟

بىز كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدا بىر قانچە سائەتلەپ قۇتقۇزۇشقا ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن ئۇ ياشنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا مۇمكىن بولمىدى.

سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئالىي مەلۇماتلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان بىلىم يۇرتى ئەتراپىدا، كۈپ كۈندۈزدە مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىر ئىنساننىڭ جان تالىشىشنى كىشىلەرگە پەرۋاسىز قاراپ قويىدىغان بىر مەنزىرە بولۇپ قالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ھادىسە، بۇ قانلىق ۋەقە ئۆزىدىنمۇ ئېچىنارلىق بىر مەسىلە سۈپىتىدە مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە بايان قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ لۇشۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بەئەينى ئۆلۈك جانلارغىلا ئوخشاپ قالغانلىقى، ئىنسانلاردىكى بۇ خىل بىخوتلوقنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن قورقۇنچلۇق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن كۈچلۈك تەنقىد قىلماقتا.

17 - فېۋرال بۇ ھەقتە تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇ قانلىق ۋەقەدىكى ياشنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنىمۇ قەيت قىلغان بولسىمۇ سۇجۇ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىدى.

دەرۋەقە خىتاي جەمئىيىتىدە "شىنجاڭلىق ئوغرى، يانچۇقچى ئاتالغۇسى" ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر تېما. بىر قانچە يىللاردىن بېرى خىتايغا تۈرلۈك يوللاپ بىلەن ئالدىنىپ سېتىلىپ بارغان نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى ۋە ياكى جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن روھىي ھەم جىسمانىي جازالار ئارقىلىق ئوغرى يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقان بولسا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىمۇ ھەممىنىڭ ھاقارەتلەش، خورلاش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرى ھەم ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىق. شۇنداقلا ئوغرى دەپ كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يەپ يارىلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن ھادىسىلەر مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

بۇ نۆۋەت خىتايلارنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ، مىللىي خاراكتېرى ھەم ئىنسانىي ئەخلاقى، مەسئۇلىيەتلىرى، دۇنيا قاراشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا قان بەدىلى ئورنىغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلارچە، ئونمىڭلارچە ئوغرى يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە يۈز بەرگەن ھەم يۈز بەرمەكتە.