ئۇچتۇرپاندا شوخلا زاۋۇتىنىڭ بىر خىتاي باشلىقى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى

دېھقانلىرىنى بوزەك قىلغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھېچقانداق سوراققا تارتىلماسلىقى، بىر قىسىم ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنى قولىغا پىچاق ئېلىشقا مەجبۇرلىغان.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بىر خىتاي كارخانىچى 5 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇچتۇرپاندا پەمىدۇر قىيامى زاۋۇتى قۇرغان. ئۇچتۇرپاندىكى خىتاي ئەمەلدارلار مەزكۇر زاۋۇتقا يار-يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، ناھىيىدىكى دېھقانلارنى پەمىدۇر تېرىشقا مەجبۇرلىغان ۋە دېھقانلارنىڭ پەمىدۇرلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشىغىمۇ يول قويمىغان. زاۋۇت خوجايىنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان ۋە ئېھتىياجى قانغاندا سېتىۋېلىشنى ئاستىلىتىپ، پەمىدۇرلارنىڭ سېسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. دېھقانلار ئۇدا 5 يىل زىيان تارتقاندىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا دېھقانلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى پارتلىغان. بۇلار يېقىندا مەزكۇر زاۋۇت باشلىقى خىتاي بىلەن جېدەللىشىپ ئۇنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىگە چىقىپ مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىچىلار شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كۆپ ھاللاردا پۇل تېپىپ روناق تېپىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى چاغلاردا كۈتۈلمىگەن قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، رايوندىكى تالان-تاراجغا ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولۇشنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەكتە.

رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مال-دۇنيا ئۈچۈن قان تۆكۈش، ئۆز بەختى ئۈچۈن جانغا زامىن بولۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەيلى ئەمەس، ھايات پەلسەپىسىمۇ ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلارنىڭ قوي-قوزىنىڭ ئورنىدا باشقۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقى، ئۇلارنى بۇلىغان، ئۇلارنى بوزەك قىلغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھېچقانداق سوراققا تارتىلماسلىقى، بىر قىسىم ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنى قولىغا پىچاق ئېلىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقاتچىلاردىن ئىلھام توختى، ئەركىن ئەكرەم ۋە ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىقلار رادىئومىزدا قىلغان سۆزلىرىدە زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىنىڭ چوقۇم جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى، زۇلۇمنىڭ بەدىلىنى يالغۇز زۇلۇم سالغۇچىلارلا ئەمەس، زۇلۇمغا شېرىك بولغانلارنىڭمۇ ئېغىر ھالدا تۆلەيدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قات-قات يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر خەلقى، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىچىككىنە يەر ئۈستى مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ ۋەزىيەتنى رايوندا ئاتالمىش «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش» نىڭ ئاساسى دەپ تونۇماقتا.