پرېزىدېنت بۇش ئۆز ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى

14 - ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان نۇتقىدا، ھازىر مەۋجۇت مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ئۆز دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان خەلقلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان خەلقلەر ھەققىدە توختىغاندا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا دىنىي مەزھەپتىكى كىشىلەرنى تىلغا ئالدى.

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت بۇش نۇتقىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى: ئۆزى مۇۋاپىق دەپ تونىغان ئۆز ئىلاھىغا چوقۇنۇش ھوقۇقىدۇر"

پرېزىدېنت بۇش نۇتقىدا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەجدادلىرى بېكىتكەن كىشىلىك ھوقۇق قانۇننىڭ بىرىنچى ماددىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "ئۇلار بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنىڭ: ئۆزى مۇۋاپىق دەپ تونىغان ئۆز ئىلاھىغا چوقۇنۇش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن" دېدى.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى بۇندىن 10 يىل مۇقەددەم، ئامېرىكىدا بېكىتىلگەن ھەمدە شۇ ئاساستا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، پرېزىدېنت، مەزكۇر قانۇننىڭ بېكىتىلىشى ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: "يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئەركىنلىكنى ئىپادىلەش، مۇستەبىتلىك، سەبرىسىزلىك ۋە زۇلمەت بىلەن جىمىقتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ئون يىل ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، دىنىي رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي ئەركىنلىكنى يەرشارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىي ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر."

"بۇ يەنە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئاشۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ پۇرسىتى"

پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى، خەلقئارادا دىنىي ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرىنى مۇھىم دىپلوماتىك قورال بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دىنىي ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا قويۇلۇپ كەلگەن ھەمدە ئامېرىكا مۇشۇ قانۇن تەمىنلىگەن قانۇنىي ئاساس بىلەن بەزى دىكتاتور دۆلەتلەرگە ئېمبارگو قويۇشقا مۇيەسسەر بولالىغان.

جورج بۇش خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى بەلگۈلەنگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ يەنە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تېخى ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇننىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى بولسا يەنە، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈلۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئاشۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ پۇرسىتى. مۇشۇ پەيتلەردە ئويلىرىمىز دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە مەسىلىلەرنىڭ بىر بولۇپ سانىلىدىغان ئاشۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە يۆتكەلدى."

bush-xu-g8-japan-200
ﺑﯘﺵ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺧﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ (AFP)

"بىز يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز"

پرېزىدېنت بۇش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئۆز ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى بىرمۇ ‏ - بىر ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۇنۇتمايمىز، بىز يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. مەن رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم ."

پرېزىدېنت بۇش ئۆزىنىڭ يەنە، خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئىگە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دالاي لاما ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ جاسارىتىگە ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئۆز ئازادلىقى ئۇچۇن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھامان ئۇلار بىلەن بىرگە "

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇ نۆۋەت ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلى توياكو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا، مەزكۇر يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەمدەم ئۇنىڭغا ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىنلىك مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " مەن خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنى ئۆتكەندە ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭغا: ئۆز ئازادلىقى ئۇچۇن كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھامان ئۇلار بىلەن بىرگە دەپ ئېيتتىم" دېدى.

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇشنىڭ نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ھەققىدىكى بايانلىرىغا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۈگۈن خىتاي باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ، مۇخبىرلارغا خىتايدا ئاۋام - خەلقنىڭ نېگىزلىك دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي قانۇنىنىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلارنى چەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاسى

ليۇ جىيەنچاۋ مۇنداق دېدى: " ئەمما مەلۇم بىر شەخىسنىڭ دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بۇيىچە جازاغا تارتىلىدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى، بۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى، خىتاي ساقچىلىرى بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشنى تۇرالغۇسىغا بېسىپ كىرىپ ئېتىپ تاشلىغاندىن كىيىن، ھەمدە ئەتىسى كۈنى يەنە، قەشقەر شەھىرىدە بەش نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ نەچچە كۈنىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

دەرۋەقە، 9 - ئىيۇل قەشقەردە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، بىر ئىلگىرى يەنە بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوققا تۇتۇلۇشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنسانلارنى قوزغىغان ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنى غەزەبلەندۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى رەئىسلىرىدىن جىم مكگوۋېرن (Jim Mcgovern) ۋە فرانك ۋولفلار (Frank Wolf)بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەمدە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى كوزىر قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

ۋەھالەنكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ قەشقەردە ئېچىلغان ئوچۇق سوت ھەققىدە سورالغان سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: "ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن.