جورج بۇشنىڭ خوشلىشىش نۇتىقى مۇنازىرە قوزغىماقتا

كېلەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى، يەنى 1‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ 2008‏ - يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا يېڭىدىن سايلىنىپ چىققان پرېزىدېنت باراك ئوباما ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ ئاقسارايغا كىرىشكە بەش كۈن قالغاندا، يەنى تۈنۈگۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاقسارايدا خوشلىشىش نۇتىقى سۆزلىدى. بۇ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۇتىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

'ئامېرىكا 11‏ - سېنتەبىردىن كېيىن چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىدى'

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۇتقىدا، ئۆزى ئىككى قېتىم پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سەككىز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى ئەسلەپ ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ 'ئامېرىكا 11‏ - سېنتەبىردىن كېيىن چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەھدىتى يەنىلا مەۋجۇت، بۇ، سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوباما يۈزلىنىۋاتقان چوڭ رىقابەت' دېدى.

بۇش قالدۇرغان سىياسىي مىراسلار

'بۈگۈنكى ئامېرىكا' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2000 ‏ - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، جورج بۇشنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بۇ سەككىز يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ‏ - ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنى قۇرغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى كۆزىتىش سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ئارقىدا قالماسلىق دېگەن مائارىپ نىزامىنى تۈزۈپ چىققانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەنئەنىچى (كونسېرۋاتىپ) سوتچىلاردىن ئىككىنى قوشقانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى 'رىقابەتچىلىك' تىن 'ئۆز - ئارا مەنپەئەتداشلىق' مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەردى

خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن جورج بۇشنىڭ خوشلىشىش نۇتىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جورج بۇش پرېزىدېنت بولۇپ تۇرغان بۇ سەككىز يىلدىكى بىر گەۋدىلىك نوختا ئىكەنلىكىنى؛ بۇ سەككىز يىلدا خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كۈچەيتىلگەنلىكى بىر مۇھىم نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى؛ خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇنقى "رىقابەت" مۇناسىۋىتى، بۇ سەككىز يىلدا "ئۆز - ئارا مەنپەئەتداشلىق" مۇناسىۋىتىگە ۋە "ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى" گە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.

دەيۋىت مىلىباندنىڭ قارىشىچە، ' تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' دەپ ئاتاش خاتا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ خوشلىشىش نۇتىقى خەلقئارادا مۇنازىرە قوزغاۋاتقاندا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىت مىلىباند 'مۇھاپىزەتچى گېزىتى' دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، بۇشنىڭ 'تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' دەپ ئاتىغانلىقى خاتا، دەپ كۆرسەتتى.

مىلىباند ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، جورج بۇش ئەپەندى ئوساما بىنلادىن ۋە ئەل قائىدىچىلەرنىڭ دۆلەتلەر ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان 'تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' دېگەن ئاتالغۇسىىنىڭ ياخشىلىق تەرىپىگە قارىغاندا زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولدى، خاتا يۆنىلىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دېموكراتىيە تېررورلۇققا تاقابىل تۇرالايتتى، ئۇنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش ھاجەت ئەمەس ئىدى.

دەيۋىت مىلىباند بۇ كۆز قارىشىنى تۈنۈگۈن ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنى گۇئانتانامودىكى تۈرمىنى تاقاشقا ۋە خەلقئاراغا ۋەھىمە ئەمەس بەلكى دېموكراتىك پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشكە چاقىرغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند 'تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' دەپ ئاتاش خاتا دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى توپىلاڭلارنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئۇ، مەسىلىنى ھەربىي ۋاسىتىغا تايىنىپ ھەل قىلىدىغان جورج بۇش ھۆكۈمىتىدىن دەرھال چېگرا ئايرىيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇنىڭغا قارىتا ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ شوتلاندىيە مىللەتچى پارتىيىسى رەھبىرى روبرتسۇن باھا بېرىپ 'جورج بۇش ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندا، مىللىباند ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ئامېرىكىنىڭ بىر ئىتى بولغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئېلان قىلغان بۇ باياناتى ساختا بايانات' دەپ ئەيىبلىگەن.

'تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' نىڭ ھازىرقى تەبىرى

'ۋىكى' لۇغىتىنىڭ "تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش" دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدىكى تەبىرىگە قارىغاندا، 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 'خەلقئارالىق تېررورنى يوقىتىش' ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇشنى مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە، بۇ ئۇرۇشنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى نىشانى يەنىلا ئەل - قائىدىچىلەر، تالىبانلار ۋە باشقا رادىكال ئىسلامچى ھەربىي كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 'تېررورچى تەشكىلاتلار' نىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تۇيغۇسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، 'مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر'نىڭ ۋە 'لۆكچەك دۆلەتلەر'نىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتلىرىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت.

بۇ لۇغەتنىڭ 'تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش' دېگەن ئاتالغۇغا بېرىلگەن تەبىرىدە ئېيتىلىشىچە يەنە، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ تۇنجى ھەربىي ھۇجۇمىنى، ناتو 2001 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا 'ئاكىتىپ ئىلگىرىلەش' ناملىق دېڭىز ئارمىيە مەشىقى ئارقىلىق باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئوساما بىنلادىنغا پاناھلىق بەرگەن ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنمۇ، جورج بۇش ھۆكۈمىتى، گەرچە دۇنيادا كۆپ دۆلەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتسىمۇ، پەقەت ناتونىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە دىپلوماتىيە، ئىقتىسادىي جازا ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.