خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدە تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى چاغلىيانغا قوپاللىق قىلدى

تۈركىيىنىڭ تاشقى سودا ‏ۋە تىجارەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلىيان ۋە 14 كىشىلىك ھەيئەت ئۈرۈمچى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركمەنىستانغا كېتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا كەلگەندە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق ‏قوپاللىق قىلىشىغا ئۇچرىدى ۋە قوغدىغۇچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇش ئېتىش ۋە ئىتتىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ "يېڭى شەپەق" گېزىتىنىڭ 2 ‏- سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا "تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەرزىيەت چەكتى" دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئۇ خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "5 ‏- ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغان دۆلەت مىنىستىرى چاغلىيان ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرگە يولۇقتى. دىپلوماتىيە پاسپورتى بولغان مىنىستىر چاغلىيان ۋە ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئادەتتىكى يولۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان رەسمىيەت تەلەپ قىلىندى. مىنىستىر چاغلىياننىڭ يېنىدا قورچاق ئەمەلدار نۇر بەكرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بولغان بولسىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي سۈكۈتتە تۇردى. مىنىستىر چاغلىيان تۈركىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات ئەسەنلى بىلەن بىرگە پاسپورت تەكشۈرۈش نۇقتىسىنى تەرك ئەتتى ۋە ۋەزىيەت تۈزۈتىلمىگەن تەقدىردە ئايروپىلان ‘غا چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئايرودرومنىڭ چىقىپ كېتىش دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى."

"يېڭى شەپەق گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "ئىلگىرى تۈركىيە ھەيئىتى مۇھىم شەخسلەر تىزىملىكىنى بەرگەن بولسىمۇ تۈركىيە ھەيئەتلىرىنى ئاختۇرۇش ‏ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولغان. ۋەقەگە مىنىستىر چاغلىيان قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى. كېيىن يەنە، خىتاي ساقچىلىرى مىنىستىر چاغلىياننى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. مىنىستىر چاغلىيان رەت قىلغان بولسىمۇ خىتاي ساقچى مىنىستىر چاغلىياننى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا تارتقان، چاغلىياننىڭ قوغدىغۇچىسى، قولۇڭنى تارت! دەپ ۋارقىراپ خىتاي ساقچىغا ئېتىلغان ۋە قولىنى سىلكىۋەتكەن ھەم ئالدىنى توسقان. چاغلىياننىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن خىتاي ساقچىسى ئارىسىدا تۇتۇشۇپ ئىتتىرىش، مۇش ئېتىش ، قول سىلكىش يۈز بەردى. مىنىستىر چاغلىيان ئۆزىنى تەكشۈرۈتمەستىن ئۆتۈۋاتقاندا قوغدىغۇچىسى ئەلبرۇز ئاقيول خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. قوغدىغۇچىغا قول سېلىشى ۋەقەنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە سەۋەبچى بولدى. كېيىن تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇراد ئەسەنلى ئەپەندىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ۋەقە پەسەيگەن. كۈتۈش زالىدا تۇرۇپ ۋەقەنى كۆزەتكەن مىنىستىر چاغلىيان بۇ ۋەقەگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، باش ئەلچى ئەسەنلىگە، بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ۋەقەنى بىلدۈرۈشنى ۋە باش مىنىستىرلىككە بىر مەكتۇپ يېزىشنى تەلەپ قىلدى. مىنىستىر چاغلىيان خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى تۈپەيلىدىن كەچۈرۈم سورىمىغان تەقدىردە 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىلماقچى بولغان بىرلەشمە ئىقتىسادى كېڭەش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى."

خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈشىچە، كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققان مىنىستىر چاغلىيان يېنىغا كەلگەن خىتاي خادىمىغا، "ئالاھىدە ماشىنا ئەكەلمەڭلەر. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىمەن خالىسام مېڭىپ كېتىمەن، سىلەردە ئالاھىدە ماشىنا مۇھىم ئەربابلىق فالان يوق،" دېگەن. مىنىستىر چاغلىيان ئايروپلانغا چىقىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە خىتاي ساقچىسى مىنىستىر چاغلىياندىن بېلەت تەلەپ قىلغان ۋە قولى بىلەن توسۇپ مىنىستىر چاغلىياننى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمىغان. مىنىستىر چاغلىيان ئايرۇپىلانغا ئالاھىدە ماشىنا بىلەن ئەمەس بەلكى ئاپتۇبۇس بىلەن بارغان.

"ۋەتەن گېزىتى" نىڭ 2 ‏- سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر چاغلىياننىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت قىلىشى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇڭايسىزلاندۇرغان. مىنىستىر چاغلىيان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئايلىنىپ زىيارەت قىلغان، ئۇيغۇرلار مىنىستىر چاغلىيان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قىزغىن قارشى ئالغان. خانتەڭرى مەسچىتىدە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن بازارنى ئايلىنىپ زىيارەت قىلىپ نەرسە ‏- كېرەك سېتىۋالغان ۋە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەن. مىنىستىر چاغلىياننىڭ بازاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن سۆھبەت قىلىشى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بىئارام قىلغان ۋە تۈركىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارقىلىق مىنىستىر چاغلىيانغا ئوڭايسىزلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى بىئارام بولغانلىقىنى ئايرودرومدا قەستەن مەسىلە تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن،" دېيىلگەن.

"ھۈرىيەت" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركمەنىستانغا يېتىپ كەلگەن دۆلەت مىنىستىرى چاغلىيان ئاخباراتچىلارغا خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىرى بىلەن ئايرىم ‏- ئايرىم ئۇچراشقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چاغلىيان يەنە بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتايلارنىڭ ئىستانبۇلدا قۇرۇلماقچى بولغان 3 ‏- كۆۋرۈكنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، 5 ‏- ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈركىيىنىڭ ھېس ‏- تۇيغۇلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئوچۇق بىر شەكىلدە ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. چاغلىيان ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ۋەقە ھەققىدە رايون باشلىقىنىڭ ئۆزىگە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىر چاغلىيان ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "كەچ ۋاقتىدا ئاشخاباتقا كېتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا كەلدۇق. ئايرودروم كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى بەك تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرودرومدا ئالاھىدە ئۆتۈش نوقتىسى بولمىدى. ئادەتتىكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىزنى بىلدۈردى، مېنىڭ ھەمرالىقىمدىكى ھەيئەتنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى. مېنىڭ ھەمرالىقىمدىكى ھەيئەت ئىلگىرى تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، 14 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ئىدى. مەن ئۇلارغا، مېنىڭ ھەمرالىقىمدىكى ھەيئەتنىڭ تىزىملىكى سىزگە بېرىلدى، شۇ سەۋەبتىن سىز بۇلارنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزەلمەيسىز، بۇلارنى تەكشۈرەلمەيسىز دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم. مەن بۇنى سۆزلىگەندىن كېيىن خىتاي دىپلوماتلار بىلەن ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئوتتۇرىسدا تالاش ‏- تارتىش يۈز بەردى. ئەسلىدە، مۇنازىرە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يۈز بەردى، بۇ ئەسنادا مەن بۇ ئەھۋال تۈزۈتىلمەيدىكەن ئايروپلانغا چىقمايمەن دېدىم. ماڭا قارشى ھەرىكەتلەر بولغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئوقۇدۇم. تارتىشقان، مۇش ئېتىشقان، ئىتتىرىشكەن دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەر تارقاپتۇ، ھېچ كىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرىگە قول ئۇزىتىش ئەمەس تىل ئۇزىتالمايدۇ. توسۇشقا، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈشكە كۈچى يەتمىدى ھەم يەتمەيدۇ. كېيىن خىتاي دىپلوماتلار مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تەكرار - تەكرار كەچۈرۈم سورىدى. مەنمۇ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىزگە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئەھۋالنى يېزىپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدىم."

بىز بۇ ھەقتە ئىستانبۇل ‏- زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلياس ساكا ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خىتايلارنىڭ ئۇ يەردىكى قىلمىشلىرى خەلقئارا دىپلوماتىيىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ۋەقە. تۈركىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت دەپ قارايمىز. خەلقئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەردە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر يۈز بەرمەسلىكى لازىم. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئوتتۇرىدا خىتايلار ھەزىم قىلالمايۋاتقان بىر ئىش بار. يەنى خىتايلار قەستەن شۇنداق قىلغان."

بۇ خەۋەر بۈگۈن تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىندى ۋە ھەر خىل بەس ‏- مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.