پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان سەنئەتكارلاردىن كامىل ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى غەيرەت ئەپەندىلەر باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم سەنئىتىدىن نەمۇنىلەر كۆرسەتكەن. بىز تېلېفون ئارقىلىق بۇ توغرىدا نەق مەيدان مەلۇماتلار ئالدۇق.
"چايخانا" ناملىق بۇ پائالىيەتتە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىغان كامىل ئەپەندىم، گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا – سازلارغا زور ھېرىسمەنلىك بىلەن دىققىتىنى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن گېرمان ئەپەندى شۇ سورۇندىلا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 9 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشتىكى سەۋەبنى ئىزاھلاپ، "ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادا ياشىغان ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ بەختسىز خەلقلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان بۈگۈن خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇملار ئىچىدە تۇرماقتا. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بەختسىزلىكىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىشنى بىر ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىز دەپ تونۇماقتىمىز" دېدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۆزبېك زىيالىيسىمۇ مۇنتاج ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى غەرب ئەللىرىگە تونۇتۇشنىڭ بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئەپەندى، "چايخانا" ناملىق بۇ پائالىيەتتىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
