چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدىن مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى يېقىندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان "شىنجاڭ" رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئىشتىن چىقىرىلغان ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋىنسىنت برۇسېل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى پىكىر ئەركىنلىكىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى "شىنجاڭ" رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىسى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ خىزمىتىدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەھبۇبە ئابلەشنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن، كۈرەش ھۈسەيىن، ئابدۇغەنى مەمتىمىن قاتارلىق يازغۇچى، مۇھەررىر ۋە ئاخباراتچىلارغا ئوخشاش ئادالەتسىز جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باياناتتا، "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆز پىكىرىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئادالەتسىز جازالانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا مەتبۇئات چەكلىمىسى ۋە كونترولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى قاتتىق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە يول قويۇشنىڭ ناھايىتى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ": شىنجاڭدا مەتبۇئات چەكلىمىسى ۋە ساقچىلارنىڭ كونترولى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ناھايىتى قاتتىق يولغا قويۇلماقتا، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە " شۇنداقلا " ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنىڭ زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش ياكى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىش دېگەندەك توقۇلما جىنايەتلەر بىلەن جازالانماي، ماقالە يېزىش ۋە ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە يول قويۇشقا جىددىي زۆرۈرىيەت تۇغۇلماقتا."

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋىنسېنت برۇسېل چارشەنبە كۈنى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز مۇخبىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن مەھبۇبەنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىنسېنت برۇسېل،" بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.

رادىئو ئىستانسىسى دائىرىلىرىنىڭ خىزمەتچىلەرگە چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ تور بېتىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. بىراق تور بېتىدە تەنقىدى پىكىر بايان قىلىش جىنايەت ئەمەس. ھەتتا بۇ پىكىر سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلغان تەقدىردىمۇ. شۇڭا بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى، مەھبۇبە ئابلەشنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە پىكىر ئەركىنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھەممە نەرسە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان بولسا ئۇ قويۇپ بېرىلىشى لازىم" دەپ كۆرسەتتى.

ۋېنسىنت برۇسېلنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەھبۇبە ئابلەش توغرىسىدىكى تەلىپىگە جاۋاب بەرمىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەھبۇبە ئابلەش بىلەن بىر قاتاردا يەنە خىتاي تۈرمىسىدىكى "ياۋا كەپتەر" دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىن، قەشقەرلىك ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان ۋە ئاخباراتچى ئابدۇغەنى مەمتىمىن قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلىگەنلىك تۈپەيلى ئادالەتسىز قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى ۋېنسېنت برۇسېل ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ پىكىر ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئۈستىدە كۈزىتىش ئېلىپ بارغان خالاس. شۇڭا مەھبۇبە ئابلەش، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە ئابدۇغەنى مەمتىمىنلەرنى قولغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق. ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك."

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن 2004 ‏ - يىلى "قەشقەر ئەدەبىياتى" دا ئېلان قىلىنغان "ياۋا كەپتەر" دېگەن ھېكايىسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. " قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىن بولسا مەزكۇر ھېكايىنى ژورنالدا تەھرىرلىگەنلىك سەۋەبىدىن 3 يىل تۈرمىدە ياتقان. ئابدۇغەنى مەمتىمىن بولسا 2003 ‏ - يىلى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە خەۋەر ئەۋەتكەنلىك تۈپەيلى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ۋېنسىنت برۇسېل ئولىمپىك يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك پىكىر ئەركىنلىك مۇھىتى يارىتالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى بولدى دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن قىسقا ۋاقىتنى كۆزدە تۇتقاندا بۇنىڭ مەلۇم ئىجابىي تەسىرى بولدى. بەزى مەتبۇئاتلار شىنجاڭغا مۇخبىرلارنى ئەۋەتتى، بۇ يەردە خىزمەت قىلدى. ھازىر ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشى بىر ئاز سۇسلاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن تەڭ كونتروللۇق بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملار تۈپەيلى كونتروللۇق كۈچەيگەن، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقەلەردە خەلق ئاممىسى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يەنى بۆلگۈنچى گۇرۇھلار ۋە خىتاي دائىرىلىرى قوللانغان زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى."

مەھبۇبە ئابلەش، "شىنجاڭ" رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئېلان سەنئەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت سىياسىتىگە تەنقىدى قاراشتىكى ئاخبارات خادىمى بولۇپ، ئۇ تور بېتىدە ماقالە يېزىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. "شىنجاڭ" رادىئو ئىستانسىسى 8 ‏ - ئايدا ئۇنىڭ خىزمىتىنى توختاتقان ۋە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنسىنت برۇسېل مۇنداق دەيدۇ": ۋەزىيەتنى ناھايىتى ۋەھىمىلىك، دېيىشكە بولىدۇ. شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى،چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رايوندىن بەرگەن بۇرۇنقى خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئادەتتىكى نورمال ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ھەتتا چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشتىنمۇ قورقىدىغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئۆزى سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. خىتايدا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن بۇ ئەھۋال تىبەت، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان رايونلاردا تېخىمۇ ئېغىر. بىز شۇنى ھېس قىلىۋاتىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، دىنىنى قوغداش تەلەپلىرىگە قىلچىمۇ پۇرسەت بەرمەي كېلىۋاتىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە رايوندىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار مەھبۇبە ئابلەشنىڭ قايسى گۇناھ بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى ئەيىبلىگەن ياكى ئەيىبلىمىگەنلىكى، ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى. ھازىرقى ئەڭ ئىشەنچىلىك خەۋەر "شىنجاڭ" رادىئو ئىستانسىسى دائىرىلىرىنىڭ ۋە مەھبۇبەنىڭ دوست ‏ - يارەنلىرىنىڭ مەھبۇبە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر.