16 - ئىيۇل ۋەتەن ئىچىدىكى دىنىي زاتلاردىن بىرى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئابدۇرەقىپ داموللامنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئابدۇرەقىپ داموللامنىڭ سۆزلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىنىي زاتلارنىڭ پىكىر جەھەتتە ئابدۇرەقىپ داموللام بىلەن بىر مەيداندا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئابدۇرەقىپ داموللامنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇرېقىپ داموللامنىڭ كىملىكى ۋە سۆزلىرى ھەققىدە ئاتاقلىق ئۆلىما ئابدۇلھېكىم مەخسۇمنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دىني زات - ئابدۇكېرىم مەخسۇم مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە، 5 - ئىيۇل نامايىشى ھەققىدە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ قاراشلىرىنى سۇندۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
