بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئون بەشكە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 35 ئەتراپىدا ئىلىمىي خادىم قاتناشماقتا.
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ فارابى زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، قازاقىستاننىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى دۈسەن كاسەينوۋ، قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مامبەت جۇنۇس ئابىلوۋ، چىڭگىز ئايماتوۋنىڭ سىڭلىسى روزا ئايتماتوفا ۋە يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پروف.در. سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەرلەر سۆز قىلدى.
روزا ئايتماتوفا ئاكىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ياشلىق چاغلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى . ئۇ، ستالىننىڭ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ دادىسىنى خەلق دۈشمىنى دەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ 4 بالا بىلەن تۇل قالغانلىقىنى، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ 3 قېرىندىشىغا ھەم ئاكىلىق ھەم ئاتىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېيىن، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي سۆزىگە چىقىپ، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىرغىزلارنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقان بۈيۈك يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەرتۇغرۇل گۈناي ئەپەندى سۆزىدە يەنە چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ پەقەتلا بىر يازغۇچى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكۈچى مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ياپونىيە كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
بۇ يىغىننى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئورتاقلىشىپ چاقىرغان بولۇپ 14 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلاشماقچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
