دالىيەندىكى نېفىت ئېقىش ھادىسىسىدىن كىيىن خىتاي نېفت شىركىتى شىنجىياڭدا يىغىن ئاچتى

خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ داليەن پورتىدىكى ئىسكىلاتىدا، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كېچىدە شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي نېفت شىركىتى بۈگۈن مايتاغدا يىغىن ئېچىپ، بۇنداق ۋەقەنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي نېفت شىركىتى مايتاغدا يىغىن ئېچىپ داليەن پورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتى پارتلاشتىن ساۋاق ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلدى

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كېچىدە، خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ داليەن پورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن ئىدى. شىنجىنباۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، داليەن پورتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى 20 نەچچە سائەتتە كونترىل قىلىنغان. بۇ ئىسكىلاتنىڭ توك تاقاقلىرى پالەج بولۇپ، نېفت تۇرۇبىلىرىغا ئورنىتىلغان تاقاقلارنى ئادەم كۈچى بىلەن تاقاشقا توغرا كەلگەن. بۇ نېفت ئىسكىلاتىدىن ئېقىپ كەتكەن خام نېفىت بىلەن ئەتراپتىكى دېڭىز سۈيى كەڭ كۆلەمدە بۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي داليەن پورتىنى تاقاپ، دېڭىز تازىلاشقا باشلىدى.

بۇ ۋەقەنى لىبېرىيىنىڭ پاراخوتى كبەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟

شىنجىنباۋ گېزىتىنىڭ باتان قىلىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسى، لىبېرىيىنىڭ 300 مىڭ توننىلىق يۈكچى پاراخوتى خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ داليەن پورتىدىكى ئىسكىلاتىدا نېفت چۈشۈرىشى ئۆلچەملىك بولمىغانلىقتىن كېىلىپ چىقتى، بۇ پاراخوت ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ دەپ جاكارلىغان.

خىتاي بۈگۈن داليەن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى چەكلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، داليەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۈگۈن يىغىن ئېچىپ، داليەن پورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ شەھەردىكى ھەر قانداق ئورگان ياكى شەخسنىڭ، ھەر قانداق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت يوق، دەپ جاكارلىغان.

خىتاي نېفت شىركىتى مايتاغدا يىغىن ئېچىپ داليەندىكى پارتلاشتى ساۋاق ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي نېفت شىركىتى بۈگۈن مايتاغدا 300 كىشىلىك كەسپىي يىغىن ئېچىپ داليەن پورتى ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ يىغىنغا بىڭتۇەندىكى ھەر قايسى دېۋىزىيىلەرنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىرى قاتناشقان. يىغىندا، خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ باش دېرەكتورى جاڭ جىمىڭ داليەن پورتىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتلاش ۋەقەسى ۋە ھازىر دالىيەن پورتى رايونىدا 500 دىن ئارتۇق پاراخوت دېڭىز سۈيىنى تازىلاۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلي ئەھۋاللارنى تۇنۇشتۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىندا، داليەن پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قارار ئېلىنغان. يىغىندا، خىتاينىڭ شىنجاڭ رەئىسى نۇر بەكرى، خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرگەن.

داليەن شپورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتىنىڭ 100 مىڭ كۋادرات مېتىردائىرىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان

سودا خەۋەرلىرى تور گېزىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ۋېدىئو خاتىرىلىرىگە قارىغاندا. خىتاي نېفت شىركىتىنىڭ داليەن پورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوتنى كونترول قىلىپ بولغىچە، نېفت ئىسكىلاتىنىڭ 100 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. دېڭىزغا ئېقىپ كىرگەن خام نېفىت بىلەن 100 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى دېڭىز سۈيى بۇلغانغان.

بۇلغانغان دېڭىز سۈيىنى تازىلاشقا ئەڭ ئاز دېگەندە 8 - 10 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ

سىنگاپورنىڭ دېڭىز ترانسپورت شىركەتلىرىنىڭ تەخمىنلىشىچە، داليەن پورتىدىكى نېفت ئىسكىلاتى پارتلاپ، ئېقىپ كەتكەن خام نېفتتە بۇلغانغان دېڭىز سۈيىنى تازىلاشقا ئەڭ ئاز دېگەندە 8 - 10 كۈن ۋاقىت كېتىدكەن. بۇنىڭغىچە، داليەن پورتىدا نېفت، رودا ۋە ئاشلىق چۈشۈرىدىغان يۈكچى پاراخوتلار چىڭخۇاڭداۋ پورتى ئەتراپىدا كۈتۈپ تۇرۇشىقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئېنىق.

داليەن پورتى ھازىر تاقاق

ۋالت ستېرىت گېزىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، داليەن پورتىدا خىتاينىڭ 3 مىليون كۋادرات مېتىرلىق نېفت ئىسكىلاتى بار، بۇ ئىسكىلاتتىن ھەر يىلى 57 مىليون توننا نېفت كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ. داليەن پورتى ھازىر تاقاق. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ پورتتا يۈك چۈشۈرىدىغان 19 چوڭ پاراخوت تېخىچە پورتقا كىرگۈزۈلمەيۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.