بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى غوراچۆل يېزىسىدا باشلانغان مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىش ھەرىكىتى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەخسىكەشلىكى بىلەن باشلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن داۋام قىلىۋاتقاندا كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ تەۋەلىكىدىكى تەقۋادار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچراپ ۋاقىتلىق توختاپ قالغان.
بۇ ھەرىكەت چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىمۇ غەزەپ-نەپرەت قوزغىغان بولۇپ، گوللاندىيىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دىنىي زىيالىي ئەيسا قارىمدىن بۇ ھەقتە ئىنكاس ئالدۇق.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەسچىتلەرگە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىش ھەرىكىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى غوراچۆل يېزىسىدىن باشلانغانىكەن. ئۇ خىتايلارنىڭ بۇ خىل يولسىز ھەرىكىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ: خىتايلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، دىننىڭ سىياسەتكە، سىياسەتنىڭ دىنغا ئارىلىشىش ھەققى يوق دېيىلگەن ئۆز سۆزىگە ئاساسەنمۇ مەسچىتلەرگە بايراق قاداش ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس، دەيدۇ.
ئۇ يەنە بايراق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت دوستلۇق مۇناسىۋەت ئەمەس، بايراقمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. بايراق بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا نىسبەتەن جاۋاب قايتۇرىدىغان ئەزىمەتلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. دەپ ئويلايمەن دەيدۇ.
ئۇ يەنە ئىسلامدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى رولى، مەسچىتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىمام، مۇئەززىنلەر ھەققىدە توختالدى.