دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بابۇر مەخسۇت ھەققىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىدى

تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىل 62 ياشلاردىكى شۋېتسىيە پۇقراسى بابۇر مەخسۇت 2009 - يىلى 6 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. شۋېتسىيە تەپتىش ئورگىنى بابۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، خىتاينىڭ شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتىك خادىملىرىغا ۋە مۇخبىر سىياقىدىكى خىتاي جاسۇسلىرىغا قانۇنسىز يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە دۈشەنبە كۈنى ئۇنى16 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە، بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن جاسۇس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، شۋېتسىيە سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى" خىتاي دۆلىتىگە قىلىنغان پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە يامان غەرەزلىك تۆھمەت" دەپ ئەيىبلىدى.

بۈگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، ئازاد گېرمانىيە رادىئو ئىستانسىسى، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ بابۇر مەخسۇت ھەققىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى رەت قىلغانلىقىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا خەلقئارا جامائەت ئالدىدا ئۆز جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان ھۆكۈمەت ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنداق ئەيىبلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى ھەققىدىكى تولۇق ئىسپات ۋە پاكىتلارغا ئاساسەن چىقارغان ھۆكۈمىنى" خىتاي دۆلىتىگە قىلىنغان ئاساسسىز ۋە يامان غەرەزلىك تۆھمەت" دەپ ئەيىبلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئەينى چاغدا بابۇر مەخسۇت ئالاقىلاشقان خىتاينىڭ شۋېتسىيىدىكى جاسۇسلىرى شۋېتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغىنىدا، خىتاي بۇ ئىشقا پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى، ھازىر خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى جاسۇسلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىنىڭ قانۇن ۋە دېموكراتىيىنى ئاساس قىلغان شىۋېتسىيىدەك بىر دۆلەت ئۈچۈن قىلىنغان بىمەنە تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ۋەتەن سىرتىدا مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇققا زورلىشىدىكى ۋاستىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن جاسۇس ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن " كېرەك بولغاندا ئىشلىتىپ، چاتىقى چىققاندا بىر تىپىك بىلەن تاشلىۋېتىدىغان " رەزىل سىياسەتنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە مەيلى ئۆزى خالاپ ياكى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات يەتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشتىن ئىبرەت ئېلىشىنى، ئەگەر شۇنداق ئۇيغۇرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز خاتالىقىنى تۈزەتسە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارغا يەنىلا باغرىنى كەڭ ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.