دۇنيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىگە بەرگەن تەكلىپ - پىكىرلىرى

بۇ يىل 21 ‏ - ئاپرېلدىن 24 ‏ - ئاپرېلغىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش سېمىنارى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. نۆۋەتتە يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يىغىن روھىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە، ئاممىغا يەتكۈزمەكتە. يىغىن قاتناشچىلىرىدىن كۆرەش ئاتاخان ئەپەندى تۈنۈگۈن، بېرلىن سېمىنارىدىن بەزى ئۇچۇرلار ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ يىغىن تەسىراتىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

" كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش شەرت "

كۈرەش ئاتاخاننىڭ ماقالىسدە بايان قىلىنىشىچە، سېمىناردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق سىياسىي، ئىلمىي ۋە ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە خەلقئارا قانۇنلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە دەرس بەرگەن.

سېمىناردا مۇتەخەسسىسلەر، " خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە چۈشەنچىلەر؛ ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە، كونفېدېراتسىيە ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات ۋە ئۆرنەكلەر؛ مىللىي تېررىتورىيە ۋە خەلقئارادىكى ۋاكالەتچىلىك؛ مىللىي كىملىك ۋە ئۇنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاسى؛ دۆلەت ھالقىغان مىللىي ھەرىكەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ روللىرى؛ شەرقى تېمۇر، غەربىي ساخارا مەسىلىلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما، ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق تېمىلاردا لىكسىيە سۆزلىگەن.

كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر، مىللەتلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يالغۇز دەرت ئېيتىش بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۈزلۈكسىز كۈرەش ۋە توختاۋسىز بەدەل تۆلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. كۈرەش قىلغاندا ئورۇنسىز بەدەل تۆلەشتىن ساقلىنىشنى، دۇنياغا خاتا تەسىر بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى تەۋسىيە قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، يېقىنقى يۈز يىللىق دۇنيا تارىخىدا ھېچ بىر مىللەتنىڭ ئۆز كۈچىگىلا تايىنىپ مۇستەقىل بولمىغانلىقىنى، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئەمما يەنە، ھېچ بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئۆز مىللىي ئىرادىسىنى دۇنياغا كۆرسەتمىگەن بىر مىللەتكە ياردەممۇ قىلمىغانلىقىنى مىساللار

girmanye-parlnt-ezaliri-200
رابىە قادرى خانىم ۋەكىللەرگە سۆزدە.

ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. خەلقئارانىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى، ئارتۇق دۈشمەن تېپىۋېلىشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر لىكسىيىلىرىدە يەنە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئاجىزلار ئۈچۈن بىر تۇزاق، كۈچلۈكلەر ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلدۈرگەن.

" ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مىللەت "

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكەتتىكى تەخىرسىزلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىش كېرەك دەپ بىلدۈرگەن، ئەمما بۇنىڭ كونكرېت چارە - تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىنىشىغا ھاۋالە قىلغان.

كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر، بۈگۈن دۇنيادا داۋام قىلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا، ھەققىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ قاراشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي قارىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ پىكىرنى دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق، جەسۇر ۋە ئاقىلانە يول تاللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر لىكسىيىلىرىدە يەنە، شەرقى تۈركىستاندا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي بايان قىلغىنىدەك تېرورلۇق ياكى رادىكال ھەرىكەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

" ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە مىللەت كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ "

كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر لىكسىيىلىرىدە يەنە، دۇنيادا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت، يەرلىك خەلقلەر ۋە مۇستەملىكە مىللەت دېگەن ئۈچ كاتىگورىيىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، مۇستەملىكە مىللەت بولۇپ تونۇلۇشنىڭ مىللىي ھەرىكەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە مىللەت كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ دەپ بىلدۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلار بۇ سىياسىي ئورنىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن، تەشۋىقات، تەتقىقات ۋە نەشرىيات ئىشلىرىنىمۇ جانلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

يۇقىرىدا بىز سىلەرگە بېرلىن سېمىنارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە، يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ ماقالىسى ۋە زىيارىتىمىز جەريانىدىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن مەلۇمات بەردۇق.