د ئۇ ق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا يەتكۈزۈلدى

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايدىغان بىر توپ ئۇيغۇرلار ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا توپلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى سىياسى پائالىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات ئاڭلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

0:00 / 0:00

پائالىيەتنىڭ نېگىزلىك تېمىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدە چاقىرىلغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە جەنۋەدە چاقىرىلغان "ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا يىغىنى" نىڭ روھىنى يەتكۈزۈشتۇر. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.