يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ دەردىنى ئىنتېرنېت ۋە رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان دېھقان ھېكىم سىيىت، نۆۋەتتە پائالىيىتىنىڭ نەتىجە بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن. ئەمما، ئەكبەرجان جامال بۇ جەھەتتە ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلەردىن بىرى. ئەكبەرجان جامال ھەرىكىتىگە پۇشمان قىلمايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىگەن، ئەمما، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەكبەرجانغا جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەتچى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا، شايار ناھىيىسىدىكى بىر نەپەر ياشنىمۇ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئالغان، ئۇنى قولغا ئالغاندا، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ ۋەقەنى بۇرمىلىغان، چوڭايتىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەمما، ئەكبەرجان تارقاتقان ئۇچۇر ئۆسەك سۆز ئەمەس، بەلكى تۇرپان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەمەلىي بىر ۋەقە: يەنى 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تۇرپاندىكى بىر چوڭ بازارغا ئۆت كەتكەن. ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بولۇپ، ئاپەتتە بىر كىشى ئۆلگەن نەچچە مىليون يۇئەنلىك دۇكان ۋە مال كۆيۈپ كەتكەن. ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا، زىياننىڭ بىر قىسمىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى ۋە يېڭى ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمەت ۋەدىسىدە تۇرمىغان. بۇنىڭ بىلەن 11 - ئاينىڭ 1 -، 17 - ۋە 19 - كۈنلىرى تۇرپاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان تىجارەتچىلەر، توپلىشىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ نامايىشلار ھېچبىر ئاخبارات ۋاسىتىسىدا ئېلان قىلىنمىغان. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، ئەكبەرجان نامايىشنى قول تېلېفونى ئارقىلىق خاتىرىگە ئېلىپ دوستلىرىغا ۋە تورداشلىرىغا تارقاتقان.
ئېنىقكى ئەكبەرجان بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، مەسىلىگە خەلقنىڭ ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى، جىددىيىتىنى قوزغىماقچى بولغان. ۋېن جياباۋنىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا زىيارىتدە قىلغان سۆزى بويىچە بولسا، ئەكبەرجان جازالىنىشى ئەمەس، مۇكاپاتلىنىشى كېرەك. چۈنكى ۋېن جياباۋ شۇ قېتىمقى سۆزىدە، ئاخباراتنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ھۆكۈمەت ئۆزى ئەمەس خەلق باھا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەكبەرجان تارقاتقان تۆۋەندىكى ئۇچۇر، دەل ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا پايدىلىق ئۇچۇرلار ئىدى.
ئەكبەرجاننىڭ ئائىلىسى ئەكبەرجاننىڭ سوراق ۋە قاماق جەريانىدا، قىيىن - قىستاققا ئېلىنمىغانلىقىنى ۋە قوپال مۇئامىلىگە يولۇقمىغانلىقىنى، ھەمدە نۆۋەتتە ئايدا بىر كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانىڭ تولىمۇ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئەكبەرجان دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدا بىز سىلەرگە ئەكبەرجاننىڭ جازالىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئۇچۇرلار ۋە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.