ئەنقەرەدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى خاتىرە نامايىشى

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرە گازىئوسمانپاشا مەھەللىسى، خوراسان كوچىسىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئەنقەرە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مەسۇللىرى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى مەسۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ئۇيغۇر دوستلىرى تۈركلەر شۇنداقلا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا ھەممە بىردەك: خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇخلىما! قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق! قاتىل خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ھېساب بەر! شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ئۇيغۇرلارنىڭ بولىدۇ! دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.

كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باياناتىدا غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشاش قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم سىياسىتى 21 - ئەسىرگە كىرگەن كۈنىمىزگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنسان ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەقىل ئەركىن ياشاش يولىدا داۋاملىق تۈردە مۇجادىلە ئېلىپ بارماقتا."

Enqerede-5-fewral-namayish1-305
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 12 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

"بۇ مەقسەت بىلەن 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن غۇلجا ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى. بىز ۋەتەن مىللەت يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلىرىمىزنى رەخمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز. غۇلجا ۋەقەسى تۈپەيلىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە تۈركلەر زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان غۇلجا قەتلىسىنى ئېلىپ بارغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز."

ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باياناتىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا نامايىشچىلار شۇئار توۋلاشنى داۋام قىلدى.

نامايىش جەريانىدا مىكروفونىمزنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: "بىز تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تېررورچى ۋە تېررورچىلىق ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايمىز. بەزى دۆلەتلەر بەزى مىللەتلەرنى دۇنياغا تېررورچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. بۇلاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدۇر. تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا. مەدەنىي دۇنيادىن ئۇزاق بىر يەردە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بارماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭلار ئېلىپ بېرىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى غۇلجا ۋەقەسىدۇر. دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت ۋە دۆلەت ئۇيغۇرلار ئۇچرىغاندەك رەھىمسىزلەرچە زۇلۇمغا دۇچار بولمىغان. ئەمما ئۆز زېمىنىدا ئىنساندەك ياشاش، ئەركىن ياشاشتىن باشقا ھېچبىر ئارزۇ تەلىپى بولمىغان بۇ ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار تەرىپىدىن تېررورىست دەپ ئەيىپلەنمەكتە. بىز تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا سىياسىي جىنايەتچى دەپ ئېيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز."

ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلغاندىن كېيىن نامايىشچىلار شۇئار توۋلاشقان ھالدا ئەلچىخانىدىن ئۇزاقلاشتى.

بىز نامايىشتىن كېيىن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نامايىش جەريانىدىن مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.