ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە ئىشخانا ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەنقەرەدە يېڭى ئېچىلغان ئىشخانىدا يىغىلىپ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ۋە قەيسەرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئەنقەرەدە ئېچىلغان ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئەنقەرەدە چوڭ ئىشخانا ئاچقانلىقىنى، بۇ ئىشخانىنىڭ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن سۆز قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈركىيىدىكى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئەنقەرەدىكى ئىشخانا 270 كۋادرات مېتىر بولۇپ، چوڭ يىغىن زالىمۇ بار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.