تۈركىيە باش مىنىستىرى مېڭىشتىن بۇرۇن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايروپىلان ئىستانسىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا 130 دۆلەت رەھبىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ 20 دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى بان كى - موئون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ھۈسەيىن ئوباما قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
يەنە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رېئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن. ب د ت دا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاخمەت داۋۇتوغلۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىيېچى بىلەن ئۇچرىشىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قىلغانلىرىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ دائىمىي ئەزا، تۈركىيىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنداقتا 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ب د ت نىڭ 64 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قويارمۇ؟
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ بىلەن خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.