ھازىر پۈتۈن سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا ۋە خىزمەت پىلانلىرىنى ئاڭلاتماقتا.
3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەنقەرەنىڭ سىنجان رايونىدا 200 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان چوڭ بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۈز مىڭلىغان كىشىلەرگە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى نامزىتى مەلىھ گۆكچەكنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت پىلانىنى ئاڭلاتتى. نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىغىلىشقا قاتناشقان 200 مىڭ ئەتراپىدا كىشى توپلانغان مەيداندا كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ: "سۆيۈملۈك ياشلار مەن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى ھەم ئىستىقلالغا ھەم ئەركىنلىككە ھەمدە مۇستەقىللىقىڭلارغا ئىگە چىقىڭلار، شۇنداقلا كەلگۈسىڭلارغا ئىگە چىقىڭلار، مىللەت ۋە دۆلىتىڭلارنى سۆيۈڭلار، زەيبەك، داداش ۋە سەيمەنلىك روھى دېگەنمۇ مانا مۇشۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنىمۇ ئەنقەرە سىنجاندىكىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنىمۇ بۈيۈك ئويلىغان كىشىلەر قوغدىيالايدۇ، بىزنىڭ تارىخ سەھنىسىدىكى ۋەزىپىمىز پارچە - پارات ئويلىمازلىق نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلسەك نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز، بۇرۇنقى ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى تۈركىيىنىڭ ئىچىدىكى يەرلەرگىمۇ ئاڭلانمايتتى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاۋازى دۇنياغا ئاڭلانماقتا خەلقىمىزمۇ ئۆزىنى خاتىرجەم ھىس قىلماقتا،" دېدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ نۇتقى نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ئىدى. باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېگەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ھەيران قېلىشتى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا 86 يىللىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بىر باش مىنىستىر بۇ خىل يىغىلىشلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق بىز سۆز دەپ باقمىغان ئىكەن.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بۇ تۈركىيىنىڭ رايون خاراكتېرلىق چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 65 يىلدىن بۇيان تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇرلارغا ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
