پاكىستان فەيسەل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەرھىرىدىكى " ئىسلام دۇنيا تتىپاقى"دا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىم بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراھمان ھاجىم "ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 1945 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن، ئىئوردانىيىدىن ئىبارەت يەتتە ئەرەب دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، " ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسى"نى ماقۇللاپ، " ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى "نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى. ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدىن بىرى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ بېرىپ ھازىر 22گە يەتكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى قاھىرە شەھىرىدە."
"ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى " نىڭ مەقسىتى
ئابدۇراھمان ھاجىم "ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق غايىسى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: " ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى " ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنى بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى رايون خاراكتېرلىك چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئەرەب رايونلىرىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ."
"ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى" نىڭ دائىرىسى ۋە ھازىرقى ئەرەب دۆلەتلىرى
ئابدۇراھمان ھاجىم " ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نىڭ ئاساسى گەۋدىسى ۋە ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: "ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى "نىڭ دائىرىسى پەقەت ئەرەب ئەللىرى بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەرەب ئەللىرى دېگىنىمىز ئادەتتە ئەرەب مىللىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ تەشكىللەنگەن دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر تىلنى قوللىنىدۇ. ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىنى سانى 22 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىن 12 دۆلەت ئاسىياغا، 10 دۆلەت ئافرىقىغا جايلاشقان. ئاسىيادىكى ئەرەب دۆلەتلىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، كۇۋېيت، بەھرەين، قاتار، ئىراق، سۈرىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن قاتارلىقلاردۇر. ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى: مىسىر، ئالجىرىيە، ماراكەش، سۇدان، تۇنىس، لىۋىيە، سۇمالى، ماۋرىتانىيە، جىبۇتى، غەربىي سەھرا قاتارلىقلاردۇر."
ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن "ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نىڭ "خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى" تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ناھايىتى زىچ بولۇپ، 1980 - يىلى 8 - ئايدا تۇنىستا ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
