دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدا ئاچقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى

جۇ يۇڭكاڭ، ۋاڭ لىچۇەنلەر بېيجىڭدا ئاچقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن توغرىسىدا، تۈركىيىدە تۇرۇۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن بۇيان، خىتاينىڭ شىنخۇا تورى، تەڭرىتاغ تورى، ئامانلىق تورى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىرلىكتە «جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدا شىنجاڭدىكى نوقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» ئاچقانلىقىنى باش سەھىپىلىرىگە بېسىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر چوڭ داغدۇغا قىلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچى دانا راباچېر تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاچقان يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان ئادۋوكات گاۋ جىچېڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئىدى، ئۇ ھازىر خىتاينىڭ شاياردىكى تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى، ھازىر بىزنىڭ بۇنداق بىر كىشىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىدن ئىبارەت بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىمىزمۇ، بىزگە ئۈمىد بېغىشلىدى، ھازىر يەنە كىشىلىلىك ھوقۇقىنى قولغان كەلتۈرمەكچى بولغان كۆپ ئادەم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە، يەنە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان مىڭلىغان ئادەم بار، بىز بۇلارنى ئىزدىشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيە - چۈشەنچە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان يىغىن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇ يۇڭكاڭ، ۋاڭ لىچۇەنلەرنىڭ بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىن ئاچقانلىقىدا، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدەك بۇنداق بىر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان تېمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە تېرىشىۋاتقانلىقى ئېنىق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ناھايىتى خەتەرلىك بىر رايون - شەرقى تۈركىستان. خىتاي ھازىر قانداق قىلىپ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركستاننى تىنچ تۇرغۇزۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما خىتاي بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قاتتىق باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغانسېرى، قىلمىشلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، دۇنيانىڭ شەرقى تۈركىستانغا بولغان ھېسداشلىقى ئېشىۋاتىدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىچكى سىياسىتىمۇ، تاشقى سىياسىتىمۇ، ئۆزىنىڭ خەلقىنىمۇ، چەتئەللەرنىمۇ رازى قىلالمايۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستاندا بولسا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغان، ئۇيغۇرلار خىتايغا ئىشەنمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بولدى. بۇنى ئوڭلاش ئاسان ئەمەس.