ئەركىنلىك سارىيى: 'خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەھۋالى بارغانچە يامانلىشىدۇ'

خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېڭى قانۇن لايىھىسىدە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىگە قارىتىلغان چەكلەش تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋە باشقا شەكىلدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئەركىنلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى" نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى نۇسخىسىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ يېڭى نۇسخىسىدا: "ئەگەر ئۇچۇر ئالاقىلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار بولسا دەرھال ئۈزۈۋېتىلىشى كېرەك"، دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت يېڭى تۈزىتىلگەن "دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى"دا، ئەگەر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچۇر مەزمۇنلىرىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلانغانلىقىغا ئائىت يىپ ئۇچى بولسا، ئالاقە شىركەتلىرى بۇ خىلدىكى ئالاقە مەزمۇنلىرىنى لېنتىغا ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىنلىك سارىيى

ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى روبېرت گېرراOpens in new window ]

، خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھىسى ئارقىلىق ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قارىتا بۇرۇنلا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان چەكلەش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى ئالاقە مۇھىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "قارىماققا بۇ يېڭى لايىھە قانۇن قىلىپ بېكىتىلىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنداق بولسا ئىنتېرنېت مۇلازىمېتىر شىركەتلەرنىڭ، تور مەزمۇنلىرىنى كۆزىتىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ قارالغان مەزمۇندىكى تېمىلارنى ئېلىۋېتىش جەھەتلەردىكى مەجبۇرىيىتى كۈچىيىدۇ. مۇلازىمېتىر تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر خىتايدا بۇنى خېلى بۇرۇنلا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك قانۇن بۇ خىل چەكلەشنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئالاقە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ."

خىتايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە بېرىلگەن ئېنىقلىما ئەزەلدىن ئىنتايىن مۈجىمەل بولۇپ، دۆلەت خەرىتىسى، ھەتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان يېڭى قانۇن لايىھىسىدە "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلارغا بېرىلگەن ئىزاھاتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە ئالاقىدار يەنى ئاشكارىلىنىپ كەتسە سىياسىي، ئىقتىسادىي، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە باشقا ساھەگە زىيان يەتكۈزۈدۇ دەپ قارالغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تەۋە ئۇچۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

روبېرت گېررا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى "دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى" بويىچە بېرىلگەن جازالار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن: "خىتايدا كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن قانداق جازاغا تارتىلغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان سىستېما يوق. بۇ، خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە. خىتايدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش دەرىجىسى ئۈستىدىن پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، خىتايدا ئەھۋال بارغانچە يامانلىشىدۇ."

ئۇ يەنە، بۇ نۆۋەت تۈزىتىپ تونۇشتۇرۇلىدىغان يېڭى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى بىلەن، خىتايدىكى ئىنتېرنېت مۇھىتىنى ۋە ئالاقە ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "بۇ قانۇن بىلەن خىتايدا توردىكى مەزمۇنلار، بلوگچىلىق قاتارلىقلارغا قارىتىلغان سۈزۈش دەرىجىسى بارغانچە كۈچىيىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىدىكى، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەھۋالى بارغانچە يامانلىشىدۇ."

ئامېرىكا - خىتاي دائىرىلىرى كېلەر ئاينىڭ 13 - 14 - كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئەركىنلىك سارىيى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى روبېرت گېررانىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە خىتايدا بارغانچە چەكلىنىۋاتقان ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.