ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى 2008 - يىللىق دوكلاتى

باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات: Freedom House يەنى ئەركىنلىك سارىيى، 5 - ئىيۇن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى 2008 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا، 2007 - يىلى جەريانىدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن خىتاي، شىمالىي كورېيە، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك چېكىنىش بولغانلىقىنى، بۇ خىل چېكىنىشنىڭ ئافرىقا ۋە بىر قىسىم ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.

"'ئەركىنلىكتىن مۇستەسنا' نوپۇسىنىڭ بىر مىليارد 300 مىليونى خىتايدا ياشايدۇ"

دوكلاتنىڭ شەرقى ئاسىيا ۋە ئاتلانتىك ئوكيان رايونلىرىغا قارىتىلغان قىسمىدا، مەزكۇر رايونلاردىكى بىر قانچە دۆلەتلەردە سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئىجتىمائىي ئەركىنلىك جەھەتلەردە بارغانچە چېكىنىش مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەرگە ئاجرىتىلغان دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پروگراممىلىرىغا بېرىلىدىغان مەبلەغنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە ئەھۋالى توختالغان قىسمىدا: "دۇنيادىكى ئەركىنلىك ھەققىدىكى ماقالىغا قارىغاندا، يەرشارىنىڭ 'ئەركىنلىكتىن مۇستەسنا' نوپۇسىنىڭ ئەڭ كۆپى يەنى بىر مىليارد 300 مىليونى خىتايدا ياشايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن تەكلىپتە، ئامېرىكا ‏ - خىتاي دىپلوماتىك ئالاقىسىدا سىياسىي ھوقۇق، ۋە باشقا ئەركىنلىكلەرنىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىنىشى ھەمدە خىتايدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن كۆپرەك قوللىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2008 - يىلى فېۋرالدا بۇش ھۆكۈمىتى 2009 - يىللىق خامچوت پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خامچوتتا 2009 - يىلىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان پروگراممىلارنى قوللاشقا ئىشلىتىدىغان ئومۇمىي سوممىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 20 پىرسەنت ئاشۇرۇپ 1مىليارد 719 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

خىتايدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى 20 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر خامچوت پىلانى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەركىنلىك سارىيى ئالدىنقى يىللاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دۇنيادا تەسىرى ئۆسۈۋاتقان، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئەركىنلىك بارغانچە بوغۇلۇۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق ھالقىلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغان دېموكراتىيە قورۇلۇشى مەبلىغىنى قىسقارتىش تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە دۆلەت مەجلىسنى خىتايدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان ئاخباراتنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئەركىنلىك سارىيى ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جەننىفېر ۋىندسور(Jennefer Windsor)، ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتىدا كۆرسەتكىنىدەك، كىشىلىك ھوقۇق، ۋە دېموكراتىيە پروگراممىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى 20 پىرسەنت ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مەيلى دېموكراتچىلار ۋە مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ تەلەپنىڭ تەستىقلىنىشى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رولىنى ھەمدە ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممەت قارىشىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەل قىلغۇچ پۇرسەت بىلەن تەم ئېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇستەبىت دۆلەتلەردە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

دوكلات 57 بەتلىك بولۇپ، دوكلاتتا ياۋروپا ۋە ياۋروئاسىيا ئەللىرى، يېقىن شەرق، ئافرىقا، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرى مەركىزى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە غەربى يېرىم شارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى مۇستەبىت دۆلەتلەردە دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئېتىش جەھەتلەردە تەكلىپ بېرىلگەن.

ئەركىنلىك سارىيى، 1941 - يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتنى( Franklin D. Roosevelt) فرانكلىن د. روزېۋېلتنىڭ رەپىقىسى (Eleanor Roosevelt) ئېلېئانور روزېۋېلت ۋە ئەينى چاغدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنتلىق نامزاتى ئادۋوكات ۋېندېل ۋىلكې (Wendell Willkie)تەرىپىدىن ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە دېموكراتىيىسىگە قارشى مەۋجۇت تەھدىتلەرنى ئازايتىشنى غايە قىلغان باشقا ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورگان ھازىرغىچە دۇنيادىكى مۇستەبىتلىككە، دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كەلمەكتە.

ئەركىنلىك سارىيى يەنە، ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆتەپ كەلگەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دىكتور ۋ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى تىرىشىۋاتقان ياش دېموكراتلارنى، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى قوللاپ دۇنيادا ئەركىنلىكنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.