تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب 7 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار "1 - باب تۇغۇلغان يېرىم ۋە ئائىلەم"، "2 - باب غەربىي تۈركىستاندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم ۋە پائالىيەتلىرىم"، 3" - باب تۇنجى بېيجىڭ سەپىرىم"، "4 - باب خىتايغا سەپىرىم باشلاندى"، "5 - باب تۈركىيە ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بارغان ساياھىتىم"، " 6 - باب خىتايدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش"، "7 - باب شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىم". بۇ ئەسەردە ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يىلى يەنى 1901 - يىلىدىن 1949 - يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغۇچە بولغان تەرجىمىھالى ۋە پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئەنقەرە "بېرىقان نەشرىياتى"دىن يېڭى نەشردىن چىققان كىتابنى ئېلىپلا رادىئومىزنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىغا كەلگەن ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، بۇ كىتابىدا دادىسى ئەيسا ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىنىڭمۇ بايان قىلىنغانلىقى، شۇڭا بۇ كىتابنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كىتابنىڭ 2 - تومى 2007 - يىلى ئەنقەرەدىكى "بېرىقان نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
