5-ئىيۇل كۈنى خەلق مەيدانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەيساجان ئەمەتتىن تېخىچە خەۋەر يوق

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 197 كىشى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما بەزى كىشىلەر شۇ كۈنى كوچىلاردىن تۇتۇپ كېتىلىپ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان. بۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچى 84-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشپىزى قەشقەر شەھەرلىك ئەيساجان ئەمەت ئەپەندى. 70 ياشتىكى ئانىسى تۇرسۇنخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئەيساجان ئەمەت ئەپەندى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇلانبايدا ئويۇن قويۇپ بولغاندىن كېيىن ۋىخۇلياڭغا كېتىش ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىم ئەتراپىدا خەلق مەيدانىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەن. دەل بۇ ۋاقىتتا نامايىشچىلارنى تۇتقىلى كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئەيساجان بىلەن ئۇنىڭ ئېغىر ئاياق خوتىنىنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بارغان. ساقچىلار خوتىنىنى ئېغىر ئاياق ئىكەنسەن دەپ قويۇپ بېرىپ، ئەيساجان ئەمەتنى تۇتۇپ قالغان. شۇ كۈندىن بېرى ھازىرغىچە ئەيساجان ئەمەتتىن خەۋەر ئېلىنالمىغان.

قەشقەردىكى 70 ياشلىق ئانىسى تۇرسۇنخان ئەيساجاننىڭ خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا 2 قېتىم، ئۈرۈمچىگە 7 قېتىم ئەرزگە بارغان بولسىمۇ، تىرىك ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان. ئانىسى تۇرسۇنخاننىڭ سالامەتلىكىمۇ بالىسى ئۈچۈن كۆپ يىغلاپ ناچارلاپ كەتكەن.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەيساجان ئەمەتنىڭ ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.