بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەرگەن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خەۋەرلەر ئەزەربەيجاندا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. ناھايىتى غەزەپلەندۇق. ئەزەربەيجاندا 5 - 6 مىڭ ئەتراپىدا كوچىدا مال ساتىدىغان خىتاي تەنزىكەش بار. ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ غەزىپىمىزنى بىلدۈرۈپ"ئەزەربەيجاندا شۇنچە جىق خىتاي كوچىلاردا مال ساتىسىلەر، دۆلەتكە باجمۇ تاپشۇرمايسىلەر، بىز سىلەرگە مۇشۇنداق ئەسكىلىك قىلدۇقمۇ، سىلەر نېمىشقا بىزنىڭ قېرىنداش خەلقلىرىمىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىلەر"، دەپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىقىنى ئىپادە قىلدى. ھەتتا بەزى خىتايلارنى ئىشلىتىۋاتقان ئەزەربەيجانلىقلار خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىشتىن چىقاردى. يەنى دېمەكچى بولغىنىم، ئەزەربەيجاندىكى بىر زىيالىيدىن كوچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمگىچە، 70 ياشتىن 7 ياشقىچە بۇنى ئۇقمىغان ئادەم قالمىدى، ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق."
رامىز ئەسكەر ئەپەندى بىزگە يەنە، ئەزەربەيجاندا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار پائالىيەتلەردىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "14 - ئىيۇل كۈنى باكۇدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مۇساۋات پارتىيىسى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويماقچى بولغاندا، ساقچى بۇنىڭغا يول قويمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈركىلىش كىلىپ چىقتى. كېيىن نامايىشچىلار مەتبۇئات باياننامىسى ئوقۇغاندىن كېيىن نامايىشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەتىسى كۈنى يەنى 15 - ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئەزەربەيجانلىقلار قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ۋە پىلانلاش تەشكىلاتى بىرلىشىپ نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىشتا پارلامېنت ئەزاسى سابىر رۇستەمخانلى ئەپەندى "خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بىر ئەيىبىدۇر" دېدى ۋە خىتاي ئەلچىلىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئارقىدىن ئاخبارات باياننامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. كېيىن قۇرۇلتاي مەركىزىدە بىر يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى. كېيىن دۇنيا ئەزەربەيجانلىقلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور پاشا گەلبىنۇر ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. يەنە ئەزەربەيجاندىكى تونۇلغان زىيالىيلار، يازغۇچى - شائىرلار، ئىلىم تەتقىقاتچىلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىلەردىن كەلگەن كىشىلەر سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇيغۇرىستانغا بېرىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىزغا دائىر بىر پارچە مەكتۇپ تەييارلاندى ۋە بۇ خىتاينىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلىگە تاپشۇرۇلدى. يەنى ئەزەربايجاندىكى خەلقنىڭ بۇنىڭغا بولغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلدى."
دۇنيا ئەزەربەيجانلىقلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى پاشا گەلبىنۇر ئەپەندى بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. دۇنيا ئەزەربەيجانلىقلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا تونۇلغان كۆز دوختۇرى پاشا گەلبىنۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: " ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە تەرەققى قىلىۋاتقان 21 - ئەسىردە ئۇيغۇر تۈركلىرى بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. قەدىمدە بۈيۈك مەدەنىيەتلەر ياراتقان، شانلىق تارىخلارنى يازغان، داڭلىق ئەدىب - شائىرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن قەتلى قىلىنماقتا. بىز نەچچە ۋاقىتىن بېرىقى پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەر ۋە دېموكراتىيىنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ياردەم قىلىشقا چاقىردۇق. يەنە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بۇ قىرغىنچىلىققا پۈتۈن ئەزەربەيجان خەلقى، سىياسەتچىلەر، دۆلەت كادىرلىرى، زىيالىيلار ۋە ئاددىي پۇقرالار ھەممىسى قاتتىق نارازى بولدى. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭمۇ مۇشۇ كۈنگىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان قاراباغ مەسىلىمىز بار. ئەمما بىز بۇ قېتىم ئۆزىمىزنىڭ دەردىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە داۋا بولۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق خېتىمىزنى تاپشۇردۇق."
پروفېسسور دوكتور پاشا گەلبىنۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەزەربەيجانلىقلار قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى مۇنداق ئىپادە قىلدى: " مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، ئاللاھ ئالدىدا ھەممە كىشى تەڭ - باراۋەر. دۇنيا دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇشى كېرەك. ھەممە مىللەت پۇقرالىرى ئاللاھ ئالدىدا ئوخشاش ھەقلەرگە، ئوخشاش كىشلىك ھوقۇقىغا ئىگە. كىمكى بۇنىڭغا قارشى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھېچقاچان ياخشى بولمايدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە چەتئەللەردە ياشايدىغان پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە شۇنداق دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ قەلبىمىز، يۈرىكىمىز ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىرگە."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.