فرانكفورت كىتاپ كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلار پائالىيىتى

ھەر يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فرانكفورت كىتاپ كۆرگەزمىسى بۇ يىل لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنانىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 6 ‏- ئۆكتەبىردىن 10 ‏- ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ كۆرگەزمىدە، گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

فرانكفورت كىتاپ كۆرگەزمىسى ھەر يىلى 10 ‏- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 700 گە يېقىن نەشرىيات ئورنى ۋە كىتاپ سودىگەرلىرى كىتاپ كۆرگەزمە قىلىدۇ.

بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ كۆرگەزمە، 300 مىڭ ئەتراپىدىكى ھەر ساھە كىشىلەر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدۇ. كۆرگەزمىنىڭ بۇ يىللىقى 6 ‏- ئۆكتەبىردىن 10 ‏- ئۆكتەبىرگە قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن. كۆرگەزمە داۋامىدا گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلار مەخسۇس تەشۋىقات تاختىسى تەييارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلارنىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان، شىنجاڭ ئەمەس شەرقى تۈركىستان، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق دېگەن مەزمۇنلاردا پلاكاتلار ئېسىلغان. پائالىيەتچىلەر يەنە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەتچىلەرنى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

فرانكفورت كىتاپ كۆرگەزمىسىنىڭ بۇ يىللىقى، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنانىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈش لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم نېسىپ بولغان. كۆرگەزمىگە 1992 ‏- يىلى مېكسىكا ، 1994 ‏- يىلى برازىلىيە ساھىپخانلىق قىلغان.

گېرمانىيە نەشرىياتچىلىرى ۋە كىتاپ سودىگەرلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ كۆرگەزمىگە ئۆتكەن يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھىپخان بولغان.

ئۆتكەن يىلقى كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى فرانكفورت كۆرگەزمىسىدەك خەلقئارالىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ساھىپخانلىق قىلىش لاياقىتى يوق دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.