گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن دەپنە قىلىندى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن بۈگۈن، يەنى، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە قىلىنغان جىنازا نامىزىدىن كېيىن، قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى.

0:00 / 0:00

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، جىنازا نامىزىغا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى، ئوفىتسېر ‏ - ئەسكەرلىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە، تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان ۋە دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن بىر قانچىسى تەزىيە خېتى ئەۋەتكەن.

جىنازا نامىزىغا، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيىدىن ئەنۋەرجان قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق باشلىقى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىمىن ئابدۇلغافۇر قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا يەنە، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن جامائەت ئەربابى سەلەي ھاجىم ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىق ئەپەندىلەر قاتناشقان.

گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، تۈرك گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ تاۋۇتى توپ ماشىنىسىغا قويۇلۇپ ماتەم مۇزىكىسى بىلەن ئېلىپ مېڭىلدى.

General-Reza-Bekin-depne-murasimi-2-305.jpg

سۈرەت، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن پاشانىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا نامىزى ۋە ھەربىي مۇراسىمىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ تاۋۇتى قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.

General-Reza-Bekin-depne-murasimi-3-305.jpg

سۈرەت، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا نامىزى ۋە ھەربىي مۇراسىمىدىن كېيىن، جامائەت مەرھۇمنىڭ تاۋۇتىنى ئۇزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش.

General-Reza-Bekin-depne-murasimi-4-0-305.jpg

سۈرەت، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا نامىزى ۋە ھەربىي مۇراسىمىدىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى، ئوفىتسېر ‏ - ئەسكەرلىرى مەرھۇمنىڭ تاۋۇتىنى ئۇزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش.

General-Reza-Bekin-depne-murasimi-5-305.jpg

سۈرەت، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا نامىزى ۋە ھەربىي مۇراسىمىدىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى، ئوفىتسېر ‏ - ئەسكەرلىرى مەرھۇمنىڭ تاۋۇتى قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.

General-Reza-Bekin-depne-murasimi-6-305.jpg

سۈرەت، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جامائەت مەرھۇمنىڭ تاۋۇتىنى قارشىياقا شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.

بۇ ھەيۋەتلىك تەزىيە مۇراسىمىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىرى كۆز يېشى قىلىشتى.

ئاخىرىدا، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى يېپىلغان مىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن ئەنقەرە قارشىياقادىكى شېھىت ۋە غازىلار مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى. قەبرە بېشىدا مەرھۇمنىڭ روھىغا قۇرئان ئوقۇلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى نەق مەيداندىن مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.