ميۇنخېن شەھىرىدە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىكنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۇز بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىغا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە گېرمان پۇقرالىرى ئىشتىراك قىلدى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىمۇ نورۇز تەنتەنىسىگە جۆر بولدى. ئۇيغۇرچە مۇڭلۇق ناخشىلار، گۈزەل ئۇسۇللار، قىزىقارلىق يۇمۇرلار بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ پائالىيەت تاماشىبىنلارنى ھاياجانلاندۇردى.

بۇ يىلقى نورۇز پائالىيىتىنى باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ موللىقى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۇچىسىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىدىغان ساپ مىللىيچە كىيىملەر، مۇڭلۇق كۈيلەر ھەم لەرزان ئۇسۇللار زور ئالقىشقا ئېرىشتى.

بولۇپمۇ، ياشلار تەرىپىدىن ئورۇنلانغان قويۇق سىياسىي تۈسكە ئىگە بولغان ئىجادىي ناخشىلار ۋە مىللىي شۇئارلار 300 كىشىلىك بۇ زالنى لەرزىگە كەلتۈردى. تاماشىبىن ئۇيغۇرلار سەھنىدىكى ئارتىسقا ماسلىشىپ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق!» دېگەندەك شۇئارلارنى جۆر بولۇپ توۋلاپ، زال ئىچىدە كۈچلۈك مىللىي كەيپىيات ياراتتى.

ئۇيغۇر جامائەت ئەرباپلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى قىزىقارلىق يۇمۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنى كۈلدۈردى. ميۇنخېندىكى سەنئەتكار خالىسە خانىم يىللاردىن بۇيان قېتىقىنىپ تەربىيىلىگەن ياش قىز - ئوغۇللارنىڭ ئۇسۇللىرىنى تاماشىبىنلار چاۋاك سادالىرى بىلەن تېخىمۇ جانلاندۇردى. لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرىمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، تاماشىبىنلارنى كۆپ ھوزۇرلاندۇردى. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئاتاپ ئېيتقان يۇمۇرلىرى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

نورۇز پائالىيىتى ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ سەنئەت زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زالغا تاماشىبىنلار پېتىشماي قالدى. رىياسەتچىلەر سىرىتتا يەنە يىراقلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زالغا كىرىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئورۇن قىسلىقى تۈپەيلى كىرەلمەيۋاتانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇردى. پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 بىلەن باشلىنىپ تۆت سائەت داۋام قىلدى. ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تاماشىبىنلار بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىدىن كۆپ مەمنۇن بولۇشقانلىرىنى بىلدۈرۈشتى.