مەھبۇس غەيرەت نىياز ئەپەندىنىڭ تەقدىرىدىن سەپداشلىرى ئەندىشە قىلماقتا

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان قەلەمكەشلەردىن بىرى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز ئەپەندىدۇر. ئۇ ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن؛ دوستلىرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. غەيرەت نىيازنىڭ ئائىلىسى ئۇنى ئىزدەش ۋە ئۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىن قورقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋال غەيرەت نىيازنىڭ دوستلىرىنى، جۈملىدىن پىكىرداش ۋە سەپداشلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە غەيرەت نىياز ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەڭرىتاغ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. غەيرەت نىياز 1982 - يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق جۇرنىلى ۋە شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدە مۇخبىر، مۇدىر ۋە مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

5 - ئىيۇل ھەققىدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، غەيرەت نىياز 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان؛ يەنى ۋەقە چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما، دائىرىلەر ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىغان. غەيرەت نىياز 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. غەيرەت يەنە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقىنى، چەتكە قېقىلغانلىقى ۋە كۈندىن - كۈنگە نامراتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسەتكەن؛ بۇنىڭغا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ۋە كۆچمەن يۆتكەش سىياتىنىمۇ تەنقىد قىلغان. ئۇ شۇ چاغدا، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشتا كۆلەمنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكىنى، يېزىلاردا خالىغانچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆي ئاختۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى رەنجىتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن رايوندا مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، غەيرەت نىيازانىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن، ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىشى بىر - بىرىگە زىت ئىككى خىل سىياسىي مەيدان سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. غەيرەت نىياز ھەققىدە يېزىلغان يەنە بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: غەيرەت نىياز مىللىتىنى ۋە يۇرتىنى سۆيىدىغان، بۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەتكىمۇ ئىتائەت قىلىدىغان؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئىچىدىن چارە ئىزدەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان؛ ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە تەنقىدلەشتىنمۇ باش تارتمايدىغان، پىكرى ئوچۇق بىر كىشى ئىدى.

چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھۈسەن ئەپەندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى تەكىتلىدى.

غەيرەت نىيازنىڭ دوستلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاجىزلىقىنى پاش قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنىش ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، شۇڭا ئادالەتنى ياقىلىغۇچى كىشى ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ غەيرەت نىيازنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.