ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى غەيرەت نىيازنى سوتلىماقچى

ئۇيغۇربىز تورى خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ 18 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 1 - ئۆكتەبىر كۈنى، "خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن" دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز ئەپەندى، مۇشۇ چارشەنبە كۈنى، يەنى 21 - ئىيۇل كۈنى سوتلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

غەيرەت نىياز ئەپەندى بۇ يىل 51 ياشتا بولۇپ، چۆچەك شەھىرىدىن، ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ 1982 - يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، خىتايدا تونۇلغان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىشخانا مۇدىرى، " قانۇن مەجمۇئەسى"ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

غەيرەت نىيازنىڭ ئايالىنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېكىتىگە بىلدۈرۈشىچە، غەيرەت نىياز ئەپەندى 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ قولغا ئېلىنىپ 3 كۈندىن كېيىن يەنى 4 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئائىلىسىدىكىلەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىزاھات بېرىپ، غەيرەت نىيازنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا، ئۇنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم "3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى"دا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى، ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچى ئىدارىسىنىڭ قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدا غەيرەت نىيازغا " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن "دېگەن جىنايەت ئارتىلغان. غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ،" غەيرەت چوقۇم گۇناھسىز. ئەمما، ھازىر بىز ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ جىنايىتى ھەققىدە سوراشقا ئامالسىز، چۈنكى بىز يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن قورقىمىز" دېگەن.

غەيرەت نىياز ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، غەيرەت نىياز ئەپەندى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە غەيرەت نىياز ئەپەندى، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەم " 3 - سېنتەبىر خىتايلار نامايىشى" ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەكلىپ سۇنغان. ئۇ تەكلىپىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى،شۇنچە بايلىق ئۈستىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، بارغانچە نامرات ھالەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ " بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشنى زىيادە تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىنى، نەتىجىدە رايوندا بۇ خىل نارازىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ھۆكۈمەتكە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ھەم يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلىرى سۇنغان ئىكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، غەيرەت نىيازنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق تەكلىپ بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازغا ئوخشاش زىيالىيلارغا " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگۈچى" دېگەن جىنايەتنى ئارتىشىنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلاردىن يەنە ئۇيغۇر بىز، دىيارىم، شەبنەم ۋە باشقا ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بار بولۇپ، دىلشات پەرھات، ئوبۇلقاسىم، مۇھەممەت قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھېلىغىچە ھېچقانداق جىنايەت بېكىتىلمەي مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۈزلۈكسىز خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتلىرى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىقلار غەيرەت نىياز ھەم ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم بايانات بەرگەن بولۇپ، ئۇلار باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.