ئاۋسترالىيىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش يېغىنى ئىچىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

سۆھبەت يىغىنى ئاۋۋال ئىمام ئابدۇسالام ئالىمنىڭ شېھىتلەرگە ئاتاپ قىلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرىلەر سۆزگە چىقىپ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ كۈننىڭ ئىبرەتلىرىنى ۋە تەسىرلىرىنى ئۆز ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ كۈننى نېمە ئۈچۈن خاتىرىلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بۇ بىر يارقىن نامايەندىسى بولغان مەشرەپ ھەرىكىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى گەرچە چوڭ يوقىتىشتەك بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلققە بىر ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ئاز بولسىمۇ قەلبىدە مۇستەقىللىق بولغان بىر قوشۇننىڭ زور بىر قوشۇننىڭ ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى.، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي مۇجاھىتلار ھەرىكەتلىرىنى بىر چوڭ دەرەخكە ئوخشاتسا مەشرەپ ھەرىكىتىنىڭ شۇ دەرەختىن چىققان ناھايىتى ئېسىل بىر مېۋىسى بار شۇنچىلىك كۆركەم بىر شاخقا ئوخشىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقىرى يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن بۇ ئادىلايددىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1997-يىلى 5-فېۋرال قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 15 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئادىلايددىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىن جەريانىدا ياخشى سۆزلەر سۆزلەندى. ئەلۋەتتە بۇ يىغىندىن مەنمۇ ناھايىتى ياخشى تەسىر ئالدىم. بىز ۋەتەن يولىدا، مىللەت يولىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قەھرىمان مۇنەۋۋەرلىرىمىزنى ھەر زامان ئەسلىشىمىز لازىم. ئۇلارنى بىز بۇندىن كېيىنكى ياشلارغا ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم. مانا مۇشۇنداق بىر روھ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىن ناھايىتى ياخشى، ئوبدان ئۆتتى. بۇنىڭدىن مەنمۇ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. مەن بۇنىڭدىن كىيىن ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىدىكى پائالىيەتلىرىگە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن. پائالىيەتلىرىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر خانىم يىغىندىن كىيىن ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن بىز 5-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. چوڭلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى، شۇ ۋەقە توغرىلىق بەرگەن دوكلاتلار، ئەسلىمىلەر ئارقىلىق ئىچىمىزدىكى ئاچچىق سىغىنىش ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆرتەندۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، بەدەل تۆلىمىگۈچە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىردىن-بىر غەلىبىمىز، ئىشەنچىمىز ئاشتى. ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى تونۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى، ئۆزىمىزنى تونۇتۇش، دىنىمىزنى بىلىش، ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلىشىمىزنىڭ قانداق مۇھىملىقىنى، يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتۇق. بۇ بىر ھەممىمىزنى ئۆم قىلىدىغان، ئىرادىمىزنى تاۋلايدىغان يىغىلىش بولدى.»

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى كۆپچىلىكنىڭ شېھىتلەرگە شۇنداقلا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.