0:00 / 0:00
ھەر قېتىم بۇ ھەقتە سۆز بولۇنغاندا شۇ ۋەقەنىڭ تېرىك شاھىتلىرى ھاياجانلىنىش، ئىپتىخارلىنىش ۋە ئېچىنىشقا ئوخشاش مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
گوللاندىيىدە ئېلىپ بېرىلغان «5-فېۋرال ۋەقەسىنى» خاتىرىلەش نامايىشىغا قاتناشقان ۋەقەنىڭ بىر تېرىك شاھىتى ۋەقە ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن ئاڭلىغايسىلەر.