غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15-يىللىقىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسلار

غۇلجا ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان.

0:00 / 0:00

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 15-يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، مۇتەخەسسىسلەر ۋە بەزى پائالىيەتچىلەرگە تېلېفون قىلىپ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ئىدى؟ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى نېمە؟ غۇلجا ۋەقەسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتۇق.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.