بۇنداق بولۇشىدا غۇلجىنىڭ تارىختا ئىنقىلاب ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولۇشتەك مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي بولغانلىقى ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. غۇلجا تارىختا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان شۇنداقلا 1944 - يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغان شەھەر.
ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىدىغان بولغاچقا 90 - يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن قېرىنداش تۈركى جۇمھۇريەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھاياجانلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەر.
ئەڭ مۇھىمى، غۇلجا شەھرى 1997 - يىلى 5 - فېبرال غۇلجا ئىنقىلابى پارتلىغان جاي بولۇپ، ئەينى چاغدا تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق غۇلجا پارتىزانلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان چاتما پارتىزانلىق كۈرەشلىرى، خىتاي دائىرلىرىنى ساراسىمگە سېلىپ، 8660 - قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان مۇنتىزىم قوراللىق قىسىمنى غۇلجا شەھرىگە يۆتكەپ كېلىشكە ۋە غۇلجا شەھىرىدە، ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوراللىق ئەترىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ساقچى قىسمىنى قۇرۇپ چىقىشىغا مەجبۇر قىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا غۇلجا شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا بۇنداق بىر توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددى ھالەتتە بولۇپ، يول ئېغىزلىرىغا تەكشۈرۈش پوتەيلىرى قۇرۇلۇپ، تانكا ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى ھەر قايسى مەھەللىلەرنى 24 سائەت چارلىغاندىن باشقا، تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار غۇلجا ئاسمىنىدىن كۈزىتىپ تۇرىدىكەن . غۇلجا شەھىرى نۆۋەتتە، ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىكىدەك جىددىي تۈسكە كىرگەن بولۇپ، تۇتقۇن قىلىشلار ھەر كۈنى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
كېچىلەردە غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس تەكشۈرۈش ۋەقەسى غۇلجا خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى قوپاللىق بىلەن ئۆي - ئۆيلەرگە يېرىم كېچىدە باستۇرۇپ كىرىپ، كىشىلەرنى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ نوپۇس تەكشۈرەيدىكەن.
غۇلجا شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىشلار ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىشتا ئىلغار ئىدىيىلىك ياشلار، 5 - فېبرال غۇلجا ئىنقىلابىغا چېتىشلىقى بار دەپ قارالغانلار ۋە دىنىي زاتلار ئاساسلىق ئوبىكتى قىلىنغان.
ھەر قەدەمدە بىر دېگۈدەك قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن غۇلجا خەلقى، "بىز پەقەت قورويىمىزدىكى خالى جايغىلا تەكشۈرۈشسىز بارالايدىغان بولۇپ قالدۇق" دەپ شىكايەت قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.