گۆھەر مەمەت: شىنجاڭدىن كېتىشكە تېگىشلىكلەر بىز ئەمەس

ئۈرۈمچىدە خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تىل ھاقارەت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن شائىرە گۆھەر مەمەت ئالدىنقى كۈنى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىغا نامايىش ئۈچۈن بارغاندا بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئىككى كۈن قاماپ قويۇلغان.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدە خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تىل ھاقارەت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن شائىرە گۆھەر مەمەت، بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭمۇ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىغا نامايىش ئۈچۈن بارغاندا بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئىككى كۈن قاماپ قويۇلغان.

گۆھەر مەمەت بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا يولۇققانلىرى، ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېرىشكەن جاۋابلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

گۆھەر مەمەت بېيجىڭغا كېلىشنىڭ ئالدىدا، پولات زاۋۇتى رەھبەرلىك ئورگىنى، تۇدۇڭخابا رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلارغىمۇ ئەرزىنى بايان قىلغان. ئەمما، ئۇلاردىن قانائەتلىنەرلىك ئەمەس، بەلكىم ھەيران قالارلىق جاۋابلارغا ئېرىشكەن:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، گۆھەر مەمەت تىل-ھاقارەت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كۈنى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغىنى، خىتايلارنىڭ " ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن يوقۇلۇش"! دېگەن سۆزى بولغان. گۆھەر مەمەت ئۇلارغا " شىنجاڭدىن يوقۇلۇشقا تېگىشلىكلەر ئۇيغۇرلار ئەمەس" دەپ جاۋاب قايتۇرغان. دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن گۆھەر مەمەت، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، بېيجىڭدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ھەم ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىگە ئۆزى يولۇققان مىللىي كەمسىتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەھۋال مەلۇم قىلماقچى.