كېيىن رەسمى تەكلىپ بويىچە گوللاندىيە مەدەنىيەت ئۆيى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گوللاندىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقان.
بۇ يىغىندا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 2009 - يىلىدىكى خىزمەت پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى مەسئۇلى غەيرەتجان روزى ئەپەندى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ 2009 - يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە گوللاندىيىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گولللاندىيىدە ياشاۋاتقان 22 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا غەيرەتجان روزى 15 تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ تۆتى ئامستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى 2009 - يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىر، 5 - ئايدا گوللاندىيىنىڭ ئۇتىرىخ شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى غەيرەتجان روزى ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
