گوللاندىيە ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى نەپەر گوللاندىيىلىك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئامىستېردامدا تۇنجى قېتىملىق دەرسنى باشلىغان.
ئۇيغۇرلارغا گوللاندىيە تىلىدىن ھەقسىز دەرس بېرىشكە مەسئۇل بولغان نېيلاند خانىم، كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ تىلنى چوقۇم ئۆگىنىشى زۆرۈرلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ گوللاندىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقا ئەھمەتجان ئەپەندىم بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، گوللاندىيە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تىل كۇرسىنىڭ ئۆزىگە كۆپ ياردىمى بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئەپەندىم، ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز دەرس بېرىشنى زىممىسىگە ئالغان بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى مۇشۇ خالىس خىزمىتى ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالدىنقى ئايلاردىن باشلاپ يەنە، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىلتىجا ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشىشىغا ياردەم قىلىشنى كۆزلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
