گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىنىڭ ئالدى‏ - كەينىدىكى چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلار

گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاتتىق بىر سىلكىدى. بۇ سىلكىنىش بەزىلەردە " قانداق بىر مىللەت بىلەن باراۋەر ياشاۋاتىمىز" دېگەن سوئالنى تۇغدۇرسا؛ يەنە بەزىلەردە قانداق بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاۋاتىمىز؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.07.03
Uyghur-dixan-guangdong-toqunush-305 ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، video.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﻛﺎﻟﺘﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
video.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بەزىلەر گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى يەنە تەكرارلىنامدۇ دەپ ئەندىشە قىلسا، يەنە بەزىلەر، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك مەسىلىسىنى ئويلاشماقتا. نۆۋەتتە تور بەتلەردە، جامائەت سورۇنلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ سوئاللار ئارىسىدا يەنە مۇنداق سوئالمۇ بار: گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى بىر تەسادىپىي ۋەقەمۇ ياكى خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ تەبئىي ھالدا پارتلاپ چىقىشىمۇ؟ ئەگەر بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۆلىمالىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلار ئەسلەپ ئۆتۈلسە،مەزكۇر سوئالغا قىسمەن بولسىمۇ جاۋاب تېپىلىدۇ.

بۇندىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، قانۇنىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى؛ ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى، ھەل قىلغاندا كۆچمەن يۆتكەش ياكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى يۆتكەش بىلەن ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا ئۆز رايونىدا ئىش ئىمكانى بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان؛ ئۇنداق بولمىغاندا ئىككى مىللەت ئارىسىدا زور قانلىق ۋەقەلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئىلھام توختى: "بېشىم كەتسىمۇ ھەر يەردە دەيمەن؛ ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. گەنسۇغا ياردەم بېرىۋاتىمىز، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن كۆچمەن ئەكىلىۋاتىمىز، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ياشلىرى قىلىدىغان ئىش يوق. شۇنداق ، مەن كۆچمەن ئەكىلىشكە قارشى ئەمەس؛ ئەمما ئېھىتىياجغا قاراش كېرەك. ئالدى بىلەن يەرلىك خەلققە ئىش تېپىپ ئاندىن باشقىلارنى ئويلىشىش كېرەك. بۇ يىل شىنجاڭغا 1مىليون 200 مىڭ كۆچمەن كەلدى، بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەن دولقۇنى. دېمەك شىنجاڭدا ئىش ئىمكانى بار؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ياشلىرىمىز ئىشسىز؟ ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ئويلىشىشى كېرەك."

شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى 2 ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنى، تېررورچى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىر تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى: " دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقى شۇنى بىلىشى كېرەككى، خىتاينىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر دۈشمەن، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تېررورچى. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى سەگەك بولۇشى، مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە قورغانى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك."

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر دەپنە مۇراسىمىدا، بىر دىنىي ئالىم، نەچچە مىڭ كىشىلىك جامائەتكە خىتاپ قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەتەرلىك بىر تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىللىي كىملىكلىرىگە ساھىپ چىقىشىنى، دىني ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى: " ئاللاھ بۇ گۈزەل يۇرتنى بۇ ئېسىل خەلقتىن ئايرىمسۇن، بۇ خەلقنى بۇ يۇرتتىن ھەم ئايرىمىسۇن! ... مىللىتىمىز بۈگۈن مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ ... چىرايىمىزدىكى سۇلغۇنلۇق، پائالىيەتلىرىمىزدىكى جانسىزلىقنىڭ سەۋەبى دىنىمىزنىڭ ئەخلاق تەرىپىنى كۆپ تەكىتلەپ، روھانىيلىق ۋە ئىدېئولوگىيىلىك تەرىپىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى...."

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنى، ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىككە، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاقىلانە ۋە جەسۇر بولۇشقا؛ خىتاينىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە، قانۇنىي يول بىلەن گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىگە جانلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرماقتا.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلار، گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىنىڭ تەساددىپىي بىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئورنىغا يوشۇرۇش ۋە باستۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پاجىئە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دەپنە مۇراسىمىدىكى مۇنداق بىر جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: " جۇڭگولۇقلار بۇندىن 50 يىل ئاۋۋال بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىنمۇ ئاجىز ئىدى، بۇگۇن كۇچلۈك دۇلەتكە ئايلاندى. دېمەك دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ ھەر ۋاقىت تەقدىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن بىر ۋاقىت مەسىلىسى."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.