گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ۋە ھۈسەيىن جېلىل

كانادا مەتبۇئاتلىرى، ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. بوز ھۆكۈمىتى، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا يەرلىشىشىگە ئىككىلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقانىدى، ئەمما بۇ يولمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، بۇ تەلەپلەرگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى.

كانادا دائىرىلىرى بىلەن مەتبۇئاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىر ‏ - بىرىگە ئوخشىمايدۇ

كانادا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە، 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، كانادا لىبېرال ھۆكۈمىتى بىلەن 2006 - يىلى ماي ۋە 2007 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جەمئىي ئۈچ قېتىم مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. ئاخىرقى ھېسابتا كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلدى. كانادا دائىرىلىرى گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى كاناداغا قوبۇل قىلماسلىقتا ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان "ئۈچىنچى دۆلەت بىخەتەرلىك كېلىشىمى"نىڭ ئاساسلىق توسالغۇ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ كېلىشىمدە، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ياكى شۇ خىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەر كاناداغا كىرىشكە بولمايدۇ دېگەن مەزمۇنلار بار.

كانادا مەتبۇئاتلىرى بولسا، كانادا دائىرىلىرىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى كاناداغا قوبۇل قىلماسلىقىدا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكتە. مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان كانادا دائىرىلىرى، خىتاينىڭ "ئوغىسىنى قوزغايدىغان" ھەرىكەتلەردىن شۇنداقلا "ئوشۇقچە"باش ئاغرىقىدىن ئۆزىنى تارتقان.

ئامېرىكا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالەخ نېۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ: " بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ ئىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بار. چۈنكى ئۇلار گۈەنتانامو تۈرمىسىنى ئىشلەتتى ۋە كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۇ يەرگە قامىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۇتقۇنلار نۆۋەتتە يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر شارائىتلاردا ياشىماقتا. بوش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا يەرلىشىشىگە قوشۇلماسلىقى نومۇس قىلارلىق سەت ئىش، ئامېرىكا ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك،" دېدى.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ كۆپلىرى 5000 دوللاردىن سېتىلغان

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا يەنە گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە، ئادەم بېشىغا 5000 دوللاردىن سېتىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ تۈرمىسىدە گۇناھسىز يېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تەتۈر پېشانە كىشىلەر ئىكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتاشقا باشلىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى قاتارلىقلار كەڭ بايان قىلىنماقتا.

كانادا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەن

كانادادىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى چارلەس بۇرتون ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن بېشى قېتىپ تۇرغان كانادانى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ: " ھۈسەيىن جېلىل دېلوسى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بۇ. ئومۇمەن گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تۇتقۇننى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشنىڭ ئۆزى نازۇك سىياسى مەسىلىگە ياتىدۇ. كانادا ‏خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، تەبىئىي ھالدا بۇ ئىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ، گۈەنتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا،" دەيدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانىدا ياكى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. خىتاي دائىرىلىرى ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى ۋە ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ۋە قانۇنى ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلمەكتە.

سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ تەسىرى بار

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالەخ نېۋە كانادانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلماسلىقىدا خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بەلگىلىك رولى بولغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ: " كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىگە يامان بولۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتىدۇ. بىز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قاتتىق مەيدانىنىڭ يۇمشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قوزغاپ قويىمىز‏ - دە ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يېتىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە. شۇڭا بىز كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ھەرگىزمۇ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەك،" دەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودىغا ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. كانادا مەتبۇئاتلىرى يەنە،17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.