زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيبىن ۋىللەت ئەپەندىم، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، گەرچە ئۇلار ئامېرىكا ھەربىي ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىرەر مۇۋاپىق بىرەر جاي تېپىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن تا ھازىرغىچە مەزكۇر تۈرمىدە بىھۇدە ئىزتىراپ چەكمەكتە ئىدى.
"بۇ يەردە جىددىي ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان بىر دېلو بارلىقىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇ مەكتۇپنى يوللىدۇق."
22 - يانۋار ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدا مەمۇرى بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە مەزكۇر تۈرمىنىڭ بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي تاقىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
پرېزىدېنت ئوباما، تۈرمىنى تاقاش خىزمەت تەرتىپى ئۈستىدە توختالغاندا، مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان ھەر بىر شەخسنىڭ دېلوسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى دەرھال باشلاش ھەمدە بۇ ھەقتىكى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىشلىرىدا مۇناسىۋەتلىك شەخس - ئورگانلارنىڭ ئۆز - ئارا تولۇق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ ئۆز بۇيرۇقنامىسىدا، گۇئانتانامو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە شەخسلەردىن ئەدلىيە مىنىستىرى، مۇداپىئە مىنىستىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ئاخبارات ئورگانلىرى مەسئۇللىرىنى تەپسىلىي كۆرسەتكەن ئىدى.
پرېزىدېنت ئوباما مەزكۇر بۇيرۇقنامىنى ئېلان قىلىپ ئەتىسى يەنە، 23 - يانۋار جۈمە كۈنى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە قاپسىلىپ قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك ھولدېر ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسلەرگە مەكتۇپ يوللىغان.
بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپنى ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا قارىتىپ يوللىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە بۇلاردىن بىرەر خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
"بۇ يەردە جىددىي ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغان بىر دېلو بارلىقىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇ مەكتۇپنى يوللىدۇق."
سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى مەزكۇر مەكتۇبىدا، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە ۋە ھەربىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئاقلىنىپ، قويۇپ بېرىلىشكە ھازىرلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "بۇ يەردە ئوباما ھۆكۈمىتى ئالدىغا قويۇلىدىغان مەسىلە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش ياكى بېرىلمەسلىك مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى بۇ ئۇيغۇرلارنى قەيەرگە قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدۇر" دەپ يازىدۇ.
"بىز بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتا بولسا، ھەممە ئادەم ئۇلارنى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا سوتلىرىمۇ، ھەربىي دائىرىلەرمۇ شۇنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنداق شارائىتتا يەنە بۇ دېلونى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىش بىر ھاماقەتلىك."
ئۇ مەكتۇبىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان ۋە: "بىز ھۆكۈمەتنى ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان بىردىن - بىر ماكان ئامېرىكا قوشما شتاتىغا قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز" دەپ يازغان.
سېيبىن ۋىللەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى چوقۇم ئويلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ مۇنداق دېدى: " مەن شۇنداق قارايمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان شارائىتتا بۇ كارغا كېلىدىغان بىردىن - بىر چىقىش يولى."
سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرك ھولدېرغا يوللىغان مەكتۇبىدا، نۆۋەتتە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياش دېلوسىنىڭ بەكلا ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايوندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل زۇلۇملارنى سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ.
سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇرلار دېلوسىنىڭ بەكلا ئۆزگىچە بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە تولۇقلىما كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەربىي ۋە سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
"بۇلار گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلار ئىچىدە دېلوسى ئامېرىكىدىكى ئىككى سوت تەرىپىدىن قاراپ چىقىلغان ھەمدە دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن بىردىن - بىر تۇتقۇنلار. ھۆكۈمەتمۇ بۇ جەھەتتە بىز بىلەن تىركەشكىنى يوق. ھۆكۈمەت تەرىپىنىڭ تالىشىدىغان يېرى بولسا، بىزنىڭ ھۆكۈمەتنى بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە قىستاش ھوقۇقىمىز بار ياكى يوقلۇقى."
نۆۋەتتە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى ئامېرىكا گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىدىن بىر قىسمىنى ئۆزى قوبۇل قىلمىغان شارائىتتا، باشقا ئىتتىپاقداشلىرىغا بۇلارنى ئېلىڭلار دەپ تاڭالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇلاردىن بىرقىسمىنى ئامېرىكا ئۆز تۇپرىقى ئىچىگە ئېلىپ كېرىشكە توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ مۇنداق دېدى: " ئامېرىكا گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلماي تۇرۇپ ھېچقانداق دۆلەت بۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئامېرىكا قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇيغۇرلار ئەڭ تەبىئىي تاللاش ئوبيېكتىدۇر."
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەسىلىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر سىياسى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.