سىما سەيفى:"ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلار كېڭىشى پۈتۈن ئەرزىيەت سوتىغا تەلەپنامە يوللىدۇق"
گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان سىما سيفىنىڭ(Seema Saifee - Attorny at Kramer Levin in NY) بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلار كېڭىشى بىرلىكتە ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا قارىتا تەلەپنامە يوللاپ، ئەرزىيەت سوتى زاسېداتىللىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇش قارارىنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
سىما سەيفى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلار كېڭىشى پۈتۈن ئەرزىيەت سوتىغا، ئەرزىيەت سوتىنىڭ بارلىق خادىملىرىغا زاسېداتىللارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ توختىتىپ قويۇش ئەرزىگە ئىجازەت بەرگەنلىك قارارىنى قايتا ئويلىشىش ھەققىدە تەلەپنامە يوللىدۇق ."
سىما سەيفىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇلار بۇ نۆۋەت ئەرزىيەت سوتىغا سۇنغان تەلەپنامىدە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى ھېيبىيەس كورپەس ماددىسىنىڭ روھىي قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ھېيبىيەس كورپەس( Habeus Corpus) - "بۈيۈك پەرمان"
ھېيبىيەس كورپەس، لاتىنچىدىن كەلگەن قانۇنىىي ئاتالغۇ بولۇپ، " بۈيۈك پەرمان" دەپمۇ ھەمدە بۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن شەخسنى قوغداش بۇيرۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر قانۇن ماددىسى ئەڭ دەسلەپتە 1305 - يىلى ئەنگلىيىدە ئىشلىتىلگەن ھەمدە 1679 - يىلى ئەنگلىيە ئاساسىي قانۇنىغا، كېيىن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى بىرىنچى ماددىسى 9 - بۆلۈمىدە ھېيبىيەس كورپەسنىڭ ھەقىقىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى پۈتۈلگەن.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بۇ ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر پۇقرا ئۆزىنىڭ باشقىلار ۋە ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بولۇپ، 2008 - يىلى 12 - ئىيۇن ئامېرىكا ئالىي سوتى، بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىغا تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
ئادۋوكات سىما: "بۇ ئۇيغۇر بالىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسىدىن ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە"
ئادۋوكات سىما بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ھۆكۈمەت ئاساسەن ھېيبىيەس تارمىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇنازىرىسى ھېچقانداق پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى 2008 - يىلى ئىيۇندا ئامېرىكا ئالىي سوتى ھېيبىيەستە كۆرسىتىلگەن ئىمتىيازلارنى گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىغىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. قانۇننى بۇزۇپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان ھەر بىر ئادەممۇ ھېيبىيەسكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر ھېيبىيەسنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇر بالىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسىدىن ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە."
ئەرزىيەت سوتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، 24 - نويابىر ھۆكۈمەت ۋاكالەتچىلىرى بىلەن گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئاغزاكى مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ.
ئادۋوكات دەررەن لاۋېرن: " سوتچىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇنۇشىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار"
بۇ نۆۋەتلىك مۇنازىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ سودىيە ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش قارارىغا قارشى سۇنغان ئەرزى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادۋوكات دەررەن لاۋېرن (Darren Laverne-Attorny at Kramer Levin in NY) بۇ نۆۋەت، ئۆز كېڭىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئەڭ سەرخىل مۇنازىرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھازىرلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بۇ نۆۋەت مۇنازىرە قىلىدىغىنىمىز بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيبىيەس كورپەسقا ئاساسەن قانۇنى ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى. سوتچىنىڭمۇ بۇ بالىلارنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قويۇۋېتىش ھوقۇقى بار. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ بالىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قالماقچى بولسا، سوتچىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار."
ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇلار ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىنىڭ سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى توختىتىپ قويغانلىقىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قارار ئىلگىرىكى قىيىنچىلىقلارغا ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ياندۇرالمايدىكەن.
ئۆزلىرىنىڭ 24 - نويابىردىكى مۇنازىرىدە ئۇتۇش ئىشەنچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئادۋوكات سىما سەيفى يەنە، ئەگەر شۇ كۈندىكى مۇنازىرىدە ھۆكۈمەت تەرەپ يەنە ئۇتۇپ چىقىدىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ داۋاسىنى ئامېرىكا ئالىي سوتىغىچە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.