مەلۇم بولۇشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋۇكاتلىرى سودىيە ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر قارارى ئۈستىدىن ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، نەتىجىدە ئۈچ نەپەر سودىيە بىرلىكتە مەزكۇر بۇيرۇقنى " مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش" قارارى چىقارغان.
7 - ئۆكتەبىر سودىيە ئۇربىنا ئەپەندى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا گۈئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى 10 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئۆز سوتخانىسىغا ھازىر قىلىش كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى مەسىلىسىنى مۇشۇ يەردە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بۇيرۇغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قارارىغا نارازى
گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، سودىيە ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە مەزكۇر قارارنىڭ " ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ" ئىكەنلىگىنى ۋە بۇ خىلىدىكى قارارغا يول قويۇلسا گۇئانتانامودىكى باشقا تۇتقۇنلارنىڭ ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى تاللىشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاقساراي ئاخبارات ئىشخانىسى كاتىپى دانا پېرىنو ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتتا: " ئۆز پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەمدە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت تېپىشقا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دېيىلگەن.
جامىل جەففار:" بۇ گۇئانتانامو لاگېرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا بېرىلگەن ئاگاھ"
ئەمما بەزى قانۇنشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سودىيە ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ قارارىغا بەرگەن باھاسى باشقىچە بولۇپ، ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىكى پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى جامىل جەففار:"بۇ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى بولمىغان گۇەنتانامو سىياسىتىگە قارشى چىقىرىلغان بىر دەۋەر بۆلگۈچ قاراردۇر. ھازىر گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رىئاللىق گۇئانتانامو لاگېرىنىڭ ئەخلاقى ۋە قانۇنىي ئاساسىغا بېرىلگەن بىر ئاگاھ" دېگەن ھەمدە سودىيە ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەرزىيەت سوتىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە ئۈچ سودىيە بىرلىكتە قارار چىقىرىپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىش ۋاقتىنى يەنە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتە ئۇزارتىش ھەمدە مۇشۇ جەرياندا ھەر ئىككى تەرەپ ( يەنى ھۆكۈمەت ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار) ئادۋوكاتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ھازىرلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋەلېت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە سائەتلەر قالغاندا ئىشلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەسلى ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ھۆكۈمى چىقىرىلىپ ئەتىسىلا يەنى چارشەنبە كۈنى گۇئانتاناموغا كېلىپ بولغان ھەمدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا ئېلىپ مېڭىشقا تەييارلىق كۆرگەن.
ئادۋوكات ۋەلېت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى بەلكىم يەنە بىر - ئىككى ھەپتە كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايلار قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلماقتا
ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىدا قويۇۋېتىش قارارى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان پەيتلەردە،خىتاي تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى تېررورچىلار دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى يەنە، ھازىر خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتايدا تەن جازاسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ مەزكۇر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسىغا يولۇقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
"ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ "
ھالبۇكى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتە بېرىلگەن باشماقالىدا، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئەسلى 2003 - يىلىلا قويۇپ بېرىلىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغىر جازاغا ئۇچراپ كېتىش تەھدىتى بولغاچقا لاگىردا داۋاملىق قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە: " بىز ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىغا پاناھلىق بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالغان بولار ئىدى" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
باش ماقالىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىتا زىيان سالىدىغان غەرىزى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقى بايان قىلىنىپ "بۇ كىشىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن شۈبھىسىز ھالدا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى" دېيىلگەن ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن - بىر دۈشمىنىنىڭ ئامېرىكا ئەمەس بەلكى خىتاي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇلارنىڭ دۇشمەنلىكىنىڭ تىغ ئۇچى ئۆزلىرى كەلگەن خىتاي، يەنى ئۇيغۇرلارنى قەبىھ باستۇرۇش تارىخىغا ئىگە خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر" دەپ يېزىلغان.
ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ھامىيلىقىغا ئالماقچى
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن يەنە بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۇشمەن جەڭچى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىدىكى بىرىدىن - بىر سەۋەب بۇ ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيناشقا ۋە تەن جازاسىغا تارتىلىش خەتىرىگە يولۇقىدىغانلىقىدا ئىكەن.
خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار دەپ قارايدۇ".
ھازىر گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، ئەگەر بۇلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلسە، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇلارنى ئۆز ھامىيلىقىغا ئالىدىغانلىقى ئۈستىدە ۋەدە بېرىشكەن ھەمدە ئامېرىكىدىكى بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىشلىرىغا ياردەمدە بولدىغانلىقىنى سوتچىغا يەتكۈزگەن ئىدى.