ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ رەسمىي سوتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى

بۈگۈن 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ستوكھولىمدىكى ئوتتۇرا سوتتا خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان بابۇر مەخسۇت ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

سوتتا بابۇر مەخسۇتنىڭ ئادۋوكاتى گۇماندارنى ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىپ، داۋاملىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قارىلىغۇچىنىڭ ئىسپات كۆرسىتىشى بىلەن ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلىپ، داۋاملىق تەكشۈرۈش تەلىپى سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

سوتتا قارىلىغۇچى گۇماندارنى تەكشۈرۈشنى 14 - ئاۇغۇستقىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوت مۇشۇ ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 11 دە يەنە سوت ئېچىشقا قارا قىلغان.

سوتقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم سوت مەھكىمىسى ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى سوت ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.