چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپى ئىلھام توختىنىڭ بۇ باياناتىنى قاتتىق ئالقىشلىدى. ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى ۋەتەن ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ كۆپىگە چىن يۈرىكىدىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينىڭ "مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن" دەپ ۋەتەن مىللەت داۋاسى بىلەن كارى بولمايۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ياخشى نەمۇنە ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، ئالقىشلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئىلھام توختى دېگەندەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقسىزلىقلاردىكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىزدەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەر مەسىلىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
