ئىلھام توختى'5 - ئىيۇل ۋەقەسى' دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە توختالدى

بۈگۈن 3 - مارت كۈنى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ھەم تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

تەپسىلىرەك ئېيتقاندا، رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن پۇقرالارنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇرچى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، رايوندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئۆزىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا رايوندا ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى قويۇشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق ئىزاھلىدى: "مەن ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرلىرىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بۇندىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىغا سۇنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىۋىمدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپ ۋەزىيىتىدە، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئومۇملاشمىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن بالىلار ناھايىتى نۇرغۇن بولسىمۇ، ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىمۇ يوق دېيەرلىك. مەسىلەن، يەكەن ناھىيىسىدە 700 مىڭدەك ئۇيغۇر بار، ئەمما بىرلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار، خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە 400 مىڭدەك ئۇيغۇر بار، ئەمما بىرلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئومۇمى ئەھۋال. بۇ رايونلاردا يېزىلاردا يەر قىس، سۇ كەمچىل، دېھقانلار نامرات؛ شەھەرلەردە ئىش ئورنى كەمچىل، شۇڭا بۇ ياشلار ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بولۇپ قالغان. شۇڭا مەن رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياشلارنى شوپۇرلۇق ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن تەربىيىلەش ھەققىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ پىكرى بەرگەن ئىدىم. ئۇلاردىن ماڭا بۇ پىكىرلىرىم ھەققىدە بىۋاسىتە جاۋاب كەلمىگەن بولسىمۇ، ھازىر يەنى مەن تەكلىپنى سۇنۇپ بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا زىيالىيلار تەكلىپ قىلىنىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى مائارىپ ھەم ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى زىيالىيلارنىڭ پىكىر - قاراشلىرى ئېلىنىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلىدى."

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتىكى شارائىتتا رايوندىكى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە تەدبىر قوللىنىش جەريانىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يېزىلاردا دېھقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلىۋاتقان كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ ئەسلىدىكى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاش بەدىلىگە ئېچىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇپ، ئوقۇشسىز، ئىشسىز قالغان ياشلارنىڭ كۆپىيىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى بۇلتۇر ئىلى رايونىدا ئېچىلغان كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بەدىلىگە ئېچىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: "توغرا، ئۇيغۇر رايونىدا دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىلاردا كەسپى مەكتەپلەرنى كۆپەيتىش كېرەك. ئەمما بۇ ئىشنى ئەسلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاش ئارقىلىق ئېلىپ بارسا بۇ ئەسلىدىنلا ئاجىز بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بەكمۇ زىيانلىق. مېنىڭچە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەپ بۇنىڭغا نارازى بولۇشى ئورۇنلۇق. 16 -17 ياشلىق بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قالدۇرۇلۇشى جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىسىز، شۇڭا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىنىشى كېرەك."

ئىلھام توختى ئەپەندى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدا بولۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى، ساقلانغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، زىيالىيلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنكاس بېرىشى زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا نىسبەتەن زىيالىيلارنىڭ ئىنكاس بەرمىگىنىدىن، ئۆز پىكىر، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ھۆكۈمەت بىز بەرگەن تەكلىپ ‏ - پىكىرلەرگە بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرمىسىمۇ، ئەمما ئىچكى قىسىمدا بۇ مەسىلىلەرنى بايقىشى ياكى تەڭشىشى مۇمكىن. مەن بۇنى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئۆزۈمنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بەرگەن تەكلىپلىرىمدىن كېيىن ھېس قىلدىم."

"مەسىلەن، بىز بىر قانچىمىز بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە مېھمانخانىلارغا ئورۇنلىشىشى، تاكسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىگە چىقىش ۋە باشقا ئورۇنلاردا كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جىڭچۈەنگە بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ خەت يازغان ئىدۇق. گەرچە ھازىر بۇ مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ مەسىلىلەرگە خېلى دىققەت قىلىدىغان بولدى، ئۇلار بىزدىن ئاشۇ خىل مىللىي كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە بولغان مېھمان سارايلارنىڭ ئىسمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارغا چارە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا مەن بۇ خىل پىكىرلەرنى ئوچۇق -ئاشكارا بېرىشنى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز دەپ قارىمايمەن."

"ئۇندىن باشقا، '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا بولغان تەتقىقات كۈچەيتىلىۋاتىدۇ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىمۇ كۆپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ گۇرۇپپىلار تەركىبىدە ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك. مەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوچۇق ‏ - ئاشكارا تەكلىپ، پىكىر بېرىۋاتقانلىقىنى، ياكى بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىگە قاتناشقانلىقىنى بايقىمىدىم. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە شىنجاڭغا قارىتىلغان مىللىي سىياسەتنىڭ كىچىك دائىرىدە تەڭشىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇندىن كېيىن شىنجاڭغا بولغان سىياسەتنىڭ قانچىلىك تەڭشىلىدىغانلىقىنى بىز ھازىر بىلمەيمىز. ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي سىياسەت تەڭشىلىشنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوچۇق ‏ - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ شارائىتتا بىز ئۆزىمىز بايقىغان مەسىلىلەرنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئۆز ئاۋازىمىزنى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قوبۇل قىلىش ‏- قىلماسلىقى باشقا مەسىلە. قانۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىمىز بايقىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.